تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مەسئۇلىيىتىمنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئادا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشىمەن

ئەزا ما خۇادۇڭ:

​مەسئۇلىيىتىمنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئادا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

«كۆمۈر قاتلىمى گازىنى كەسىپلەشتۈرۈش، تاۋارلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشتىكى بوغما ھالەت نېمە؟» مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېقىنلاشقاندا، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ما خۇادۇڭ ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى سەيۋوپۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوننىڭ شىمالىي گىرۋىكى، ئۈرۈمچى گوشېڭ خۇيدۇڭ يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مىدۇڭ رايونىدىكى گاز يىغىش پونكىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ بېرىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى.

ما خۇادۇڭ قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئاساسىي گېئولوگىيە تەتقىقاتى ساھەسىدىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇپ، دالا بىرىنچى سېپىدە 30 يىلغا يېقىن خىزمەت قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى كېزىپ چىققان، شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىق ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىدۇ.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىدا، ما خۇادۇڭ باشقا ئەزالار بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. 2 - يىلى، ئۇ شىنجاڭدىكى مايلىق سىلانېتسنى ئاساسلىق خام ماتېرىيال قىلىپ شورلۇق يەرلەرنى ياخشىلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالاقىدار تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش ھەم ئۇنى كېڭەيتىشنى زورايتىش تەكلىپىنى بەردى.

2024 - يىلى شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى 66 مىليون 640 مىڭ توننا بولۇپ، ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. نۇرغۇن جايدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ما خۇادۇڭ نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، نېفىت - تەبىئىي گاز كانچىلىق ھوقۇقى سىياسىتىنى «چۈشەكتىن بوشىتىش»، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ماتېرىياللىرىنى ئېچىۋېتىش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش ھەمدە پەن - تېخنىكا تىرىكى، پۇل مۇئامىلە تىرىكىنى زورايتىش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە كونكرېت تەكلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

«شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى بىرقەدەر مول، ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغانلىرى ۋە ئېچىلغانلىرى %20كىمۇ يەتمەيدۇ.» ما خۇادۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى - ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى سىياسەت مەدىتىدىن پايدىلانغاندا، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى تېز كۆپەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

«كان»نى چۆرىدەپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپلا قالماي، بۇ بىرنەچچە يىلدا، ما خۇادۇڭ يەنە شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت - ساياھەت، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ پائال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكلىپ شەكىللەندۈردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدا، ما خۇادۇڭ «شىنجاڭدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ھوقۇقى بېرىلگەن پەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش»نى چۆرىدەپ، شىنجاڭدىكى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ھوقۇقى بېرىلگەن ئورۇنلار ۋە دوكتورلۇق 1 - دەرىجىلىك پەن ھوقۇقى بېرىش نۇقتىلىرى پىلانىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە قاتلىمىغا كۆتۈرۈپ ئايرىم كۆپەيتىشكە مەدەت بېرىش، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، بولۇپمۇ دوكتور، ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى تەدرىجىي زورايتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

ما خۇادۇڭنىڭ تەكلىپى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە بېجىرىشىگە ئېرىشىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش جەھەتتە شىنجاڭغا نۇقتىلىق مايىللاشتى. 2024 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە دوكتورلۇق نۇقتىسىدىن 17سى، ماگىستىرلىق نۇقتىسىدىن 45ى يېڭىدىن كۆپىيىپ، پەن - كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتى بىلەن تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇلدى؛ دوكتور ئاشتى خىزمەت پونكىتىدىن 13ى، دوكتورئاشتى يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت بازىسىدىن 10ى يېڭىدىن تەسىس قىلىندى، زور بىر تۈركۈم ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر ھەم ئۇلارنىڭ كوللېكتىپى شىنجاڭغا كېلىپ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە ياراتتى.

مەسئۇلىيەتنى پائال ئادا قىلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل 1 - ئايدا، ما خۇادۇڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىدىن كەلگەن بىر پارچە رەھمەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى: «سىزنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز».

«بۇ ماڭا نىسبەتەن ھەم مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەم تۈرتكىدۇر.» ما خۇادۇڭ مۇنداق دېدى: خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي تۇرۇپ، تەكلىپ بەرمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈك، مەسىلە ۋە تۈگۈن ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، تەدبىر - تەكلىپلەرنى دەل جايىدا، ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىرىشىپ مەسئۇلىيىتىمنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئادا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشىمەن.

□مۇخبىر خاتىرىسى

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي تۇرۇپ تەكلىپ بەرمەسلىك

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى.

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ما خۇادۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي تۇرۇپ تەكلىپ بەرمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەكلىپ سۈپىتىگە يۈكسەك مەسئۇل ئىكەنلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان سەمىمىي قەلبىنى نامايان قىلدى.

ئۇزاق مۇددەت بىرىنچى سەپتە يىلتىز تارتقان پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ما خۇادۇڭ يۇقىرى سۈپەتلىك چارە - تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. ئۇ نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىق، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە ئېھتىياجنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان نۇرغۇن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەكلىپلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

پەقەت بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي مەسىلىنى بايقىغىلى، ھەقىقىي تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ. «ئەزالار تاپشۇرۇقى»نى ئەستايىدىل ھالدا كەڭ زېمىنغا يازغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئالقىشلايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.