تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېشىل توكىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە يەتكۈزىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

«خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى زور، لېكىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى چەكلىك، سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ سىغىمى يېتەرلىك بولمىغاچقا، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى بايلىقىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويدى.» 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىدا، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەخمۇت ئۆمەرجان «خوتەننىڭ <بىر كارىدور، بىر بازا> قۇرۇلۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى تەۋسىيە»سىنى سۇنۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدە چوڭ تىپتىكى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى ۋە «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 5 - لىنىيەسىنى قۇرۇش، بايلىق ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى، كۆمۈر، شامال، يورۇقلۇق قاتارلىق بايلىقلىرى مول. نۆۋەتتە، شىنجاڭ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى بازىسىدا مۇتەخەسسىسلەر باھالاش ۋە مەيدان ئورنىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلماقتا. كېيىنكى قەدەمدە، يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش بىلەن ئېكولوگىيەنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش» تەلىپى بويىچە، يېڭى ئېنېرگىيە، تىرەك خاراكتېرلىك ئېلېكتىر مەنبەسى ۋە سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قۇرۇلۇش ۋاقىت تەرتىپىگە جىپسىلاشتۇرۇپ، قۇملۇق، چۆل - جەزىرە، قاقاس رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىدۇ.

ھازىر، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئىچكى قىسمىدا 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى بويىچە «تۆت ھالقىسىمان تور، ئىككىنى ئۇزارتىش» ئاساسىي تور رامكىسى قۇرۇلمىسى شەكىللىنىپ، شىمالدا ئالتاي، غەربتە ئىلىغىچە، جەنۇبتا خوتەنگىچە، شەرقتە قومۇلدىن ئۆتىدىغان 750 كىلوۋولتلۇق قومۇل - دۇنخۇاڭ، يەندۇن - شاجوۋ قوش لىنىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمالنىڭ ئېلېكتىر تورىنى تورلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولىدا قومۇلنىڭ جەنۇبى - جېڭجوۋ (1 - لىنىيەسى)، شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي (2 - لىنىيەسى)دىن ئىبارەت ئىككى قايتما ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتتى. «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، قومۇل - چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشى (3 - لىنىيەسى) تەستىقلىنىپ ئىش باشلاندى؛ 4 - لىنىيە بولغان ئېلېكتىر مەنبەسى تۈرىدە ئىش باشلاندى، لىنىيە قۇرۇلۇشىمۇ تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا.

مەخمۇت ئۆمەرجان مۇنداق تەۋسىيە بەردى: خوتەن ۋىلايىتىدە 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 5 - لىنىيەسىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەم چىرا ناھىيەسىنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور ئىستانسىسىنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قۇرۇلۇشنى بالدۇرراق باشلاپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە «15 - بەش يىل»دا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەرەققىيات يىرىك پىلانى تەتقىقاتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پاكىز بازا ئېچىش قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېقىمىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى، قوبۇل قىلىش ئۇچىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى بوشلۇقى، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشى، تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادچانلىقى، مۇمكىنچىلىكى قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 5 - لىنىيەسى، چىرا ناھىيەسىنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلارنى بىرتۇتاش تەتقىق قىلىپ دەلىللەپ، شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىش، سىرتقا يەتكۈزۈشىگە تىرەك بولىدۇ.

مەخمۇت ئۆمەرجان مۇنداق بىلدۈردى: تەۋسىيەنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېشىل توكىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ شامال، يورۇقلۇق بايلىقى ئۈستۈنلۈكى، ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.