يىغىن كۈن تەرتىپى قاتارلىقلار قارار قىلىندى، بۇ قېتىمقى يىغىن 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى يەتتە كۈن
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 176 كىشى، قاتناشقىنى 175 كىشى، قاتنىشالمىغىنى بىر كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا ئالدى بىلەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى كۆرسىتىلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنى چاقىرىدۇ ھەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن مۇنداق بېكىتىلدى: بۇ قېتىمقى يىغىن 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى يەتتە كۈن.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىدا كۆرسىتىلگەن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ بىرقانچە ئەزاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەر قېتىملىق يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىندا يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى كۆرسىتىلدى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ليۇ چى، ليۇ جۈنچېن، شىن چۇنيىڭ، لوۋ چىنجيەن، كۇڭ شاۋشۈن، ۋاڭ ياڭنىڭ يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇشى قارار قىلىندى. يىغىندا لوۋ چىنجيەن يىغىننىڭ باياناتچىسى بولۇشنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىش بېكىتىلدى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ۋەكىللەرنىڭ يىغىن مەزگىلىدە تەكلىپ لايىھەسى بېرىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنىڭ 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 12گىچە بولىدىغانلىقى قارار قىلىندى. يىغىن مەزگىلىدە، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ۋەكىللەر يىغىن مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قارار چىقىرىشىغا دوكلات قىلىدۇ.






