تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى

​يىغىننىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، يىغىننىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىر بار ۋەكىلى 2929 كىشى. 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ۋەكىل 2893 كىشى. 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى تەييارلىق يىغىنىغا 2872 كىشى قاتناشتى، 57 كىشى قاتنىشالمىدى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13 - يىغىنىدا، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنى 2025 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى. يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق پۈتتى.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يولغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، يىغىننى قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن قىلىپ ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت.

تەييارلىق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 176 كىشىدىن تەركىب تاپتى، لى خۇڭجۇڭ يىغىننىڭ باش كاتىپى بولدى.

ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاراپ چىقىلىدۇ، 2024 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2025 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2025 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ، 2024 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2025 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2025 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.