ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ يولغا قويۇلىدۇ. يېڭى دەۋردە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئاساسىي مائارىپنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى چۇڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، نوپۇس ئۆزگىرىشىگە لايىقلاشقان بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەقسىملەش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپەتلىك، باراۋەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتا ئوقۇغۇچى ئورنىنى كۆپەيتىپ، ھەقسىز يەسلى مائارىپى تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ. ئالاھىدە مائارىپ، داۋاملاشما مائارىپ، مەخسۇس مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتى يېتەكلىنىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچەيتىلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر ئىسلاھاتى تۈرلەر بويىچە ئالغا سىلجىتىلىپ، سۈپەتلىك تولۇق كۇرسنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، «قوش بىرىنچى دەرىجە»قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، پەنلەرنى تەسىس قىلىش، تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىنىدۇ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات كاپالىتى كۈچەيتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى زىچ چۆرىدەپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلىپ، مائارىپ چوڭ دۆلىتىدىن مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىگە ئۆتۈش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ.
مەنبە : شىنخۇا ئاگېنتلىقى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى