تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىن ئۈزۈندە | شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى يەنە 20 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى يەنە 20 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ. 3-تۈۋرۈكلۈك ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تېز راۋاجلاندۇرۇلۇپ، شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمى ياخشى يولغا قويۇلىدۇ. ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈلۈپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرىدىغان سىياسەت - مېخانىزملار مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاق باشلار ئىقتىسادى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. مەھەللە قوللاش ئاساسىدىكى ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈش ئىشلىرى ئالغا سىلجىتىلىپ، ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كۈچەيتىلىپ، ياشانغانلار غىزالىنىش مۇلازىمىتى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قوشۇمچە سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىجارىگە بېرىش ئىشلىرىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئاساسىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، يېزىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى تېز ئورنىتىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.