تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىن ئۈزۈندە 丨بىيوياسىمىچىلىق، كىۋانت پەن-تېخنىكىسى، 6G قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپلەر يېتىلدۈرۈلىدۇ

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەر يېتىلدۈرۈلىدۇ ۋە زورايتىلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما-توپلاشما تەرەققىياتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىدۇ. يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھالەتنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ،تىجارەتلىك ئالەم قاتنىشى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ بىخەتەر، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. كەلگۈسى كەسىپلەر سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، بىيوياسىمىچىلىق، كىۋانت پەن-تېخنىكىسى، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار، 6G قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپلەر يېتىلدۈرۈلىدۇ.

  مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.