تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ۋېنجياڭ» ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشقا AI كۈچىنى قوشىدۇ

شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ 2025 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئالدىنقى سەپ ۋە ئارقا سەپ ئاخبارات مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

«ۋېنجياڭ» ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشقا AI كۈچىنى قوشىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋە 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) قۇرغان 2025 - يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ئالدىنقى سەپ ئاخبارات مەركىزى بېيجىڭدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ يىللىق «ئىككى يىغىن»نى خەۋەر قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى.

بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئالدىنقى سەپ ئاخبارات مەركىزىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ «Deep مېھمان كۈتۈش زالى» تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ نەق مەيداندا زىيارەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇلۇتتا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، ئۈن - سىنلارنى ئاخىرقى باسقۇچتا كىرىشتۈرۈش، ئاخبارات مەھسۇلاتلىرىنى يوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.

ئارقا سەپ ئاخبارات مەركىزى شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئانار بۇلۇت ئەقلىي ئىقتىدارلىق زىيارەت ئۆيىنى يېتەكچى قىلىپ، رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىغا تايىنىپ، توغرا يۆنىلىشتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاراتقۇلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ تىك يۆنىلىشتە ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، تارقىتىش زەنجىرىنى ئۇزارتىدۇ؛ ئىچكى قىسىمدا شىنجاڭ خەلقئارا تارقىتىش مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تارقىتىش كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. ئالدىنقى سەپ ۋە ئارقا سەپ ئاخبارات مەركىزى 5G ۋە مەخسۇس لىنىيەنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە شەكىللەندۈرۈپ، AI ئارقىلىق كۈچ قوشىدىغان، ئالدىنقى سەپ ۋە ئارقا سەپ چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ تارقىتىدىغان مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نى خەۋەر قىلىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىدۇ.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) يەنە «ۋېنجياڭ» AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدە سۇپىسىنىڭ كۈچ قوشۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن پەن - تېخنىكا كۈچىنى قوشىدۇ.

«ۋېنجياڭ» AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدە سۇپىسىنى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) DeepSeek چوڭ مودېلى ئاساسىدا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان بولۇپ، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلدى، تۇنجى تۈركۈمدە «يەرلىك بىلىم ئامبىرى» «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇخبىر» «سۈرەت ياردەمچىسى» «تەرجىمان»دىن ئىبارەت تۆت AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدىسى تورغا چىقىرىپ قوللىنىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇخبىر» مۇخبىر، مۇھەررىرلەرنى AI يېزىقچىلىقى، تۈزەش، ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىپ يېزىش، كوررېكتورلۇق قاتارلىق ياردەمچى ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلغاندا، مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات ماقالىلىرىنىڭ رامكىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىگە، زىيارەت خام ماتېرىياللىرىنى رەتلىشىگە ياردەم بېرىپ، مەزمۇن ئىجاد قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ؛ «سۈرەت ياردەمچىسى» كۆپ مودېللىق مودېلدىن پايدىلىنىپ، مەزمۇنغا قاراپ سۈرەت ھاسىل قىلىش، زەخىمسىز چوڭايتىش، سۈرەتنى ئويۇپ ئېلىش، سۈرەتنى كېڭەيتىش ۋە چىراي ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىجادىي سۈرەتلەرنى تېز ھاسىل قىلىپ، خەۋەرلەرنى مول كۆرۈش سېزىمى خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ «تەرجىمان» دىققەتنى تاراتقۇلارنىڭ كەسپىي تەرجىمە ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن دۆلەت ئورتاق تىلى ئوتتۇرىسىدىكى تەرجىمە خىزمىتىنى تېز، دەل جايىدا تاماملاپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن خەۋەرلىرىنى كۆپ خىل تىلدا تارقىتىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى ياخشى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى قۇرغان بولۇپ، ئالدىنقى سەپ بىلەن ئارقا سەپ ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، يۇغۇرما تاراتقۇ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۈرەت ۋە يېزىق، سىن، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، H5 ،VR قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كۆرۈنمە، چۆكمە شەكىلدە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.