ۋەكىل مىن شياۋچىڭ:
«پېشقەدەم ۋەكىل»نىڭ يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي
2 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى - چۆچەك ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K9856/K9855 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش ۋاقتى ئىلگىرىكىدىن بەش سائەتكە يېقىن قىسقاردى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىلى مىن شياۋچىڭ ناھايىتى روھلاندى: «مەن بۇ يىل <چۆچەك شەھىرىنىڭ چېگرا ساياھىتى سىناق رايونى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى قوللاش>قا دائىر تەۋسىيەنى تەييارلىدىم، بۇ قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇش شارائىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ».
مىن شياۋچىڭ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، چېگرا ھالقىغان ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، چۆچەك شەھىرى شىنجاڭدىكى پورت بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن شەھەر، قازاقىستانغا ئەڭ يېقىن بولۇپ، چېگرا ساياھىتى سىناق رايونى بەرپا قىلىشتا گەۋدىلىك سېلىشتۇرما ئەۋزەللىككە ئىگە.
مىن شياۋچىڭ مائارىپ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن بولۇپ، 13 - نۆۋەتلىك، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ «شىنجاڭنىڭ ئاساس مائارىپىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش» «يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش» «رەقەملىك مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش» قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئاكتىپ قايتما ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «<پېشقەدەم ۋەكىل>دە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق بولۇشى كېرەك، مەن داۋاملىق ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى ئىگىلەيمەن».
ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تەسىراتىنى ئەسلىگىنىدە، «مەنىلىك بولۇش» مىن شياۋچىڭ ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان سۆز بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ياخشى ۋەكىلى بولۇش ئۈچۈن، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز تېپىپ چىقىش كېرەك.
بۇلتۇر 8 - ئايدا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مىن شياۋچىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشقا 33 ۋەكىلى جىلىن ئۆلكىسىدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنى بەش كۈن كۆزدىن كەچۈردى. كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، جىلىن ئۆلكىسىدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى مىن شياۋچىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
«قانداق قىلغاندا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش بىلەن بىللە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟» مىن شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش مەندە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا نۇرغۇن ئويلىنىش پەيدا قىلدى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ياخشى تەجرىبە - ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىكەن، كەلگۈسىدە بۇ ساھەگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە قانۇنچىللىق جەھەتتىن قوغداش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كۈچ قوشۇپ، «ۋەتەن گۈل - غۇنچىلىرى»نىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغدايمەن.
مىن شياۋچىڭ خەنزۇ مىللىتى، رۇس مىللىتى قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۇرۇنلا ئۇنىڭ گېنى ۋە قېنىغا سىڭىپ كەتكەنىدى. كۆپ يىل مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھاياتىدا، ئۇ باشتىن - ئاخىر ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەكتەپ ئىچىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت تېمىنى پائال بەرپا قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلار ئاساسىي تېما قىلىنغان سىنىپ ئەترەت دەرسى ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى «قول تۇتۇشۇش، قەلبداش بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى. 2024 - يىلى 9 - ئايدا، ئۇ شەرەپ بىلەن «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
چۆچەك شەھىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىدەك ئىناقلىققا تولغان مەنزىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مىن شياۋچىڭ دائىم شەھەر رايونى ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئايلىنىپ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مائارىپنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ۋەكىللىك بۇرچۇمنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىم ۋە سەۋىيەمنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمەن، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن.
■ مۇخبىر خاتىرىسى
ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئىزاھلاش
چۆچەكتىن ئىبارەت بۇ شەھەرنى «پېشقەدەم ۋەكىل» مىن شياۋچىڭ ئىنتايىن پىششىق بىلىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ چوڭ - كىچىك كوچىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى توپلاپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، بىر قاتار مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىزلىرىنى قالدۇردى.
مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۇرۇقىنى دەرسخانىنىڭ ئىچى - سىرتىغا چاچتى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى خەلق سارىيىغا ئېلىپ باردى. ھەربىر قېتىملىق ئويلىنىش، ھەربىر پارچە تەۋسىيە يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن بولدى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىز خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بۇرچى ۋە قىممىتىنى كۆرۈپ يەتتۇق، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تېخىمۇ كۆرۈپ يەتتۇق.