− شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تەكلىپ لايىھەسى، تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى ئەستايىدىل تەييارلىدى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، ۋاڭ شىڭرۇي
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا تەكلىپ لايىھەسى، تەكلىپ، تەۋسىيە سۇنۇش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا دۆلەت قاتلىمىدىن سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى پائال قولغا كەلتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك يول. 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى بېيجىڭغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى. 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن بېيجىڭدىكى ھەرقايسى تۇرۇشلۇق ئورۇنلارغىچە ۋەكىللەر، ئەزالار قىزغىن پاراڭلىشىپ، ئۆزئارا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، سۇنىدىغان تەكلىپ لايىھەسى، تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ ياخشى روھىي ھالەت بىلەن يىغىنغا قاتنىشىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلدى.
3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئايىمسا توختاخۇن يېنىدىكى ئىككى ئەزا مۇختەبەر ئابدۇل، گۇەن فاڭفاڭ بىلەن «كىچىك يىغىن» ئاچتى، 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا بوشلۇقىدا بىر مەيدان «بۇلۇت ئۈستى»دىكى مۇزاكىرە قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى.
«غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش مەن بۇلتۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلە.» ئايىمسا توختاخۇن مۇنداق دېدى: «ماناس»نى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قاتنىشىشى زۆرۈر، شۇڭا، مەن نۇرغۇن مەكتەپكە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم ھەم چوڭ - چوڭ بايرام، تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاممىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلدىم. ئۇنىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن، ئۇلۇغچات ناھىيەسى «ماناس»قا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئېيتىشنى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۇرۇژۇك پائالىيەتلىرىگە كىرگۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردە «ماناس» ئېيتىش قىزىقىش سىنىپى ئېچىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ۋارىسلارنى تەربىيەلىدى.
«سىزنى قوللايمەن!» دەپ ماختىدى ئەزا گۇەن فاڭفاڭ. ئايىمسا توختاخۇن مۇنداق دېدى: «مەن ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ئەزا، كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمنىڭ ھەممىسى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار. بۇ يىل، مەن تېز يەتكۈزۈش ۋە ۋەيمەي كەسپىدە سولياۋ ئورالمىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرمەكچى، سىلەرنىڭ قانداق ياخشى پىكرىڭلار بار؟»
«مەن مۇناسىپ سىياسەت، قانۇن - نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەيمەي سۇپىسى، يېمەك - ئىچمەك كارخانىسى، ئوراش - قاچىلاش ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن قاتلىمىدىن ئايدىڭلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن» دېدى گۇەن فاڭفاڭ.
«يەنە مۇھىت قوغداش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىدىغان يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىغا قارىتا باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبارلارنى يولغا قويۇپ، سودىگەرلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ» دېدى مۇختەبەر ئابدۇل.
سائەت 16دە، ئەزا يۈكسەك شىجائەت كومپيۇتېرنى ئېچىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن تەكلىپىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈۋاتاتتى. «ھازىر تور قىسقا تىياتىرلىرى بەك قىزىپ كەتتى، لېكىن بەزى تىياتىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەممەيلەنگە ياد بولۇپ كەتكەن، سۈپىتى ناچار، چاكىنا، بۇ مەزمۇنلار جەمئىيەت ئەخلاقى ۋە قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، ياش - ئۆسمۈرلەرگىمۇ ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.» ئۇ ئەڭ يېڭى ماتېرىياللارنى تەكشۈرگەچ، كۇنۇپكا تاختىسىنى چېكىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ناچار مەزمۇندىكى قىسقا تىياتىرلارنى تۈزەپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تېخىمۇ كۆپ قىسقا تىياتىرلارنى ئىشلەش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن».
كەچلىك تاماقتىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جۇ گۇاڭلەن ۋە باشقا بىر نەچچە ۋەكىل بىر يەرگە جەم بولدى، كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. بۇ يىل جۇ گۇاڭلەن بىر چوڭ ئىش يەنى دۆلەت رەقەملىك ھېسابلاش زاپاس بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە كۆڭۈل بۆلدى. بۇ تەكلىپنى تەييارلاشتا ئۇنىڭ تولۇق ئويلىنىشى بار: بىڭتۇەن شىنشىڭ شەھىرى شىنجاڭنىڭ «شەرقىي دەرۋازىسى»غا، دۆلەت «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق رايونغا جايلاشقان، ئۆزگىچە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، نۆۋەتتە ھېسابلاش ئىقتىدارى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرماقتا. ئۇ بۇ خىزمەتنىڭ دۆلەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
يېرىم كېچىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئۆمەرجان قۇربان يەنىلا ئالدىراش ئىدى، ئۇ تەييارلىغان كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئېلىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ماتېرىيالىغا نۇرغۇن قەلەم ئىزى قوشۇلدى. ئېنېرگىيە كارخانىسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆمەرجان قۇربان شىنجاڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ھەربىر قەدەمدىكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا، ئۇ شىنجاڭنىڭ كۆمۈردىن گاز ئېلىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ يەنىمۇ مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. «شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان.» ئۇ مۇنداق دېدى: كۆمۈردىن گاز ئېلىش كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولغاندا، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز جارى قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنتتا قەدىمى توختاپ قالمىدى. ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تىرىشىپ تەكلىپلەرنى ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە ئايلاندۇرىمىز.