تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بېيجىڭغا يېتىپ باردى

3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا يېتىپ باردى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: پايتەختتە باھار بالدۇر كېلىپ، بارلىق شەيئى يېڭى تۈسكە كىردى. 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بېيجىڭغا يېتىپ باردى، ئۇلار تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى ئېلىپ، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا بىرلىكتە قاتنىشىدۇ.

يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدى. بېيجىڭغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندا، كۆپچىلىك ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىلگىرىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، پىكىر يولىنى بايان قىلىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە توختىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ لايىھەسى، تەۋسىيە ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا داۋاملىق تەييارلىق قىلدى. «باھاردىكى كاتتا يىغىنغا يەنە بىر قېتىم ئاتلىنىپ، قەلبىم ھاياجان ۋە ئۈمىدكە تولدى!» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئايىمسا توختاخۇن ئايروپىلاندا ئۇچۇۋاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تەكلىپىگە يەنە تۈزىتىش كىرگۈزدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.

چۈشتە، ئايروپىلان بېيجىڭغا يېتىپ باردى. ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشكەندە، كۆپچىلىكنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

«مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، كاتتا يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىپ، ناھايىتى ھاياجانلاندىم.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى غولامجان رېھىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «چوقۇم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمەن».

ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ ھەممىگە ئايان. يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار پىكىر يۈرگۈزدى، تېخىمۇ مۇھىمى رولىنى جارى قىلدۇردى.

«2024 - يىلى، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، <بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى>نى چىڭ كۆزلەپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتتى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جاڭ خۇي مۇنداق دېدى: بۇ يىل مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ھەقىقىي تەكلىپ بېرىمەن، ياخشى چارە كۆرسىتىمەن، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىمەن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋۇ ۋېنشيۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، جىڭ ناھىيەسىنىڭ خەلقئارا تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى قۇرۇلۇشى، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ تەكلىپ بېرىمەن، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشنى خالايمەن.

ئەزا ئايىمسا توختاخۇن بۇ يىل تېز يوللانما ۋە ۋەيمەي كەسپىنىڭ سولياۋ ئورالمىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەسلى مائارىپى قاتارلىق خىزمەتلەرگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن، خىزمەتكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىنى بېيجىڭغا يەتكۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرىمەن».

مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش. شىنجاڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى مۇساپىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.