زۇمرەت ئوبۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىغا، ئەركىن تۇنىياز مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا سايلاندى
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يىغىننىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق ئورنىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا زۇمرەت ئوبۇل شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىغا، ئەركىن تۇنىياز مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا سايلاندى.
يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، يىغىن قارالمىسى لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم بىر يىل. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنى ياخشى ئېچىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، 2025 - يىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «ئىككى ئومۇمىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش كېرەك. سادىقلىق بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك دوكلاتلىرى ۋە تەكلىپ لايىھەلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، مۇزاكىرە قىلىپ، قاراپ چىقىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە ۋە ئومۇمىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىپ، قاراپ چىقىش، مۇزاكىرە قىلىش جەريانىنى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئىشەنچنى چىڭىتىش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولغان ياخشى كەيپىياتنى ئورتاق يارىتىش كېرەك. يىغىن مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.