تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

− 2025 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش پەيتىدە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

يەنە بىر باش باھاردا، ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ۋەكىللەر، ئەزالار مۇھىم تاپشۇرۇقنى زىممىسىگە ئېلىپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىدۇ.

يېڭى تارىخ كوردىنات، يېڭى دەۋر بۇرچى −

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن؛

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا؛

2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا پەقەت ئون يىللا قالدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 2025 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا مۇقەررەر ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، كۈچ ئۇرغۇتۇلۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلق ئىتتىپاقلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل يېڭى سەھىپىسى پۈتۈپ چىقىلىدۇ!

پۇرسەتنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش

ئىللىق باھاردا يارقىن مەنزىرە نامايان بولدى، بارلىق شەيئى يېڭى تۈسكە كىردى. جۇڭگو زېمىنىدىكى 48 مىڭ كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىدە پويىزلار ئۇچقاندەك چاپماقتا ئىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو جۇڭچې پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ۋاڭ فېڭ مۇنداق بىر خۇش خەۋەرنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ كېلىشنى پىلانلىدى: «CR450 ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىرغا يېتىپ، يەرشارى بويىچە ئەڭ تېز سۈرئەت بولۇپ قالىدۇ!»

سىجىل ھالقىش بولدى، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى.

2024 - يىلى ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 130 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %5.0 ئاشتى؛ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى يەرشارى بويىچە ئۇدا 1 - ئورۇننى ساقلاپ كەلدى؛ تاشقى سودا كۆلىمىدە يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى... دۆلىتىمىز يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور.

يېڭى كوردىنات چىڭ كۆزلىنىپ، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىلىدۇ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ھەم چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۇلۇغۋار پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان مۇھىم سۇپا، ھەم ئومۇمىيەتكە نەزەر سېلىپ، چوڭ يۈزلىنىشنى كۆزىتىدىغان ئاچقۇچلۇق كۆزنەك.

«تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا دەل جايىدا كۈچەش، ماس كۈچەش، سىجىل كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كارخانا مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جاڭ ليەنچى.

جياڭسۇ تەيساڭگاڭ پورتى، تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدا، يۈك پاراخوتلىرى كېچە - كۈندۈز توختىماستىن قىرغاققا يېقىنلاشتى، يولغا چىقتى.

«ۋەزىپە بەك كۆپ، جەزمەن سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىمىز.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سۇجوۋ پورتى گۇرۇھى تەيساڭ شىنخەي پورتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشىك شەكىللىك كىران بەنى چوڭ بەنىنىڭ باشلىقى چۇ فېڭ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى.

كىيىم - كېچەك، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق «كونا ئۈچ تۈر»دىن توكلۇق ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق «يېڭى ئۈچ تۈر»گىچە، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى» «جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، يەلكەن چىقىرىپ يۈرۈش قىلىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى.

2025 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېڭى بۇرچ، ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى −

«پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا 300 نەچچە تۈرلۈك زور ئىسلاھات تەدبىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا يەنە <قۇرۇلۇش خەرىتىسى> ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، <مەسئۇلىيەتنامە> بېكىتىلىدۇ» دېدى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل خۇاڭ شىچىن.

بۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى تۇرۇشلۇق شېنجېن شەھىرىدە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى نوپۇس 20 مىليوندىن ئاشىدۇ. «@ شېنجېن − خەلق رايى بويىچە تېز بېجىرىش» سۇپىسى 24 سائەت تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى ئۈلگىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.

ئۆزگىرىش داۋامىدا پۇرسەت ئىزدەپ، قىيىنچىلىق داۋامىدا ئىلگىرىلەش.

ياۋروپا، ئامېرىكا بازارلىرىدا سودا توسۇقلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، گۇاڭشى سەنخۇەن كارخانا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى «بىر بەلباغ، بىر يول» كۈچىدىن پايدىلىنىپ، دۇبەي بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇردى، بۇ يىل شۇ جايدىكى سېتىش سوممىسىنىڭ 25 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەندى.

«ھازىر دۆلىتىمىزدە پۇقراۋى ئىگىلىك خېلى كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، ناھايىتى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىدى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا پۇختا ئاساس ھازىرلاندى».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گۇاڭشى سەنخۇەن كارخانا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن چېڭنى چوڭقۇر رىغبەتلەندۈردى. «يېڭى پىكىر يولى يېڭى چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا يېڭى نىشاننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ قىلىنىشىغا تەقەززامەن!» دېدى چېن چېڭ.

ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ پۇختا قەدەم تاشلاش

دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ساھىل يورۇقلۇق ۋولت ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتتى؛ ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم كەسپى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىدى؛ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن DeepSeek چوڭ مودېلى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى؛ كارتون سانائىتى «نېجا 2»نىڭ كىنو بېلەت كىرىمى رېكورتىنى ئۇدا بۇزۇپ تاشلىشىغا تىرەك بولدى...

ئارتۇقچىلىقنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك بۆسۈش ھاسىل قىلىش.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك مەسلىھەتچىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پەن جياۋفېڭ مۇنداق دېدى: «پەن - تېخنىكا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك»، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا يەنە تېخىمۇ كۆپ سىگنال قويۇپ بېرىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا «يېڭى موتور» سەپلىنىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلىدۇ.

ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ھەرگىزمۇ تۈپتۈز بولمايدۇ. تاشقى قىسىمغا نەزەر سالساق، خەلقئارا مۇھىت تېخىمۇ كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى يېتەرلىك ئەمەس؛ ئىچكى قىسىمغا نەزەر سالساق، دۆلەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەس، قىسمەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىيىن بولۇۋاتىدۇ.

«پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» 2024 - يىلى 12 - ئايدا، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرىغا يۈزلىنىپ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ شۇنداق دېدى.

ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى ساقلاش −

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، لياۋنىڭ داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى يۈ مياۋجيې مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كەسىپ بازار ئېھتىياجىدىكى بوغما ھالەت ۋە ئوخشاش سۈپەتلىك رىقابەتكە دۇچ كەلدى، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ يىل 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭ بېنشىغا كېلىپ، ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىغا قاراشلىق بېنشى پولات تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتى 3 - سوغۇق پىروكاتلاش زاۋۇتىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، كارخانىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.

باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «داۋاملىق تىرىشىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تۆھپە قوشۇڭلار».

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تەن چېڭشۈ مۇنداق دېدى: باش شۇجى كۆزدىن كەچۈرگەن سوغۇق پىروكاتلاش زاۋۇتىنىڭ مەركەزلىك تىزگىنلەش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى %65 ئۆستى، مەھسۇلات مىقدارى %25 ئاشتى. رەقەملىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسى تېز سۈرئەتتە كەلگۈسى ياسىمىچىلىققا قاراپ قەدەم تاشلىماقتا.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئويلاشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش −

نۇرغۇن ۋەكىل، ئەزا مۇنداق بىلدۈردى: يەرلىك ئىككى يىغىندىن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغىچە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا قىزغىنلىق سىجىل ساقلاندى، تېخىمۇ كۆپ يېڭى سىياسەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ئۈمىد بار.

باھار بايرىمىدىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە، شاڭخەي تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، كارخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇش، كارخانىلارغا ئالاقىدار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تەكشۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە 58 ماددىلىق ۋەزىپە، تەدبىر چىقىرىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شاڭخەي شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۇ جۈن مۇنداق بىلدۈردى: دىققەت كارخانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام تىجارەت - سودا مۇھىتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» راۋانلاشتۇرۇلىدۇ؛ شاڭخەي شەھىرىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلار ئۈچۈن مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ.

«ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسى كۈچەپ كېڭەيتىلدى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) ئېلان قىلىندى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغنىڭ بازارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى بېسىپ تارقىتىلدى...

بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ زىچ ئېلان قىلىنىشى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، نەنفاڭ پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جىن لىنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى: «بىز ئېتىقاد، ئىشەنچتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرماي، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا چېكىنمەي تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچىمىز!»

جەڭ دۇمبىقى چېلىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە ماڭىدىغان بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەش −

بېيجىڭغا بېرىپ يىغىنغا قاتنىشىش ھارپىسىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭشەن شەھىرى شيۇنىڭ ناھىيەسى خېچېڭ يېزىسى شىنئەنيۈەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى فاچۈەن پۈتۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنى بىرلىكتە ئۆگەندى.

«ھۆججەتتە <يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن تۈرتكە بولۇش> ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىز.» لى فاچۈەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل چاي ۋە شياڭفېي دەرىخى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى بەرپا قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز!

خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، «جۇڭگونى ئىدارە قىلىش»نىڭ پۇختا ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەش

«مۇسابىقە مەيدانىدىن يىغىن مەيدانىغىچە، غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭگۈشتەر پەقەت بىر: ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، ئاممىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش.» يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، دۆلىتىمىز قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز تېيىلىش تۈرىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن جاڭ خۇڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى 100دىن ئارتۇق مەشئەل يەتكۈزگۈچى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزگەن مەشئەل بىلەن ئاساسىي مەشئەل مۇنارىغا ئوت تۇتاشتۇردى. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئۇ پائال تەكلىپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ «قار - مۇز قىزغىنلىقى»غا يەنە بىر ئۈلۈش كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈش −

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ بەزىلىرى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئائىت ياخشى تەدبىرلەرنى ئېلىپ كەلدى؛ بەزىلىرى مەھەللە، زاۋۇتلارنى ئارىلاپ، پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىنى خاتىرىلىدى؛ بەزىلىرى «سۆھبەتلىشىش» «پوچتا ساندۇقى» كۆزنىكىنى ئېچىپ، تور ۋە تور سىرتىدا خەلق رايىنى توپلىدى...

«تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئامما ئارىسىغا چۆككەندىلا، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىشنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى مانجۇلى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ مىڭيەن بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

خەلق ساداسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ تىرىشىش نىشانى −

بۇلتۇر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەنخۇي جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى شۈ شياۋچەن دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەۋسىيە بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئۇ ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا ئالاقىدار تەكلىپلەرنى تەييارلىدى.

«<كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش>تىن <ياخشى داۋالىنالايدىغان بولۇش>قىچە، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ھەممەيلەن بار، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىمىز» دېدى ئۇ.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئىچىدە، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى تۈرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئېشىپ، ئىلگىرىكى ھەر قېتىملىق بەش يىللىق يىرىك پىلان ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، خەينەن ئۆلكىلىك ئاياللار - بالىلار مېدىتسىنا مەركىزى كۆپىيىش تېببىي ئىلمى مەركىزىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى لۇ ۋېييىڭ مۇنداق قارىدى: «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا ھەر مىڭ نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان ھاۋالىلىك بېقىلىدىغان ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ سانىنى 4.5كە يەتكۈزۈش كۆرسەتكۈچى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، بۇنىڭدىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ سىياسەت - تەدبىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا تەقەززامەن.

تېز يەتكۈزگۈچىدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ يېتىشىپ چىققان ۋۇخەن شۇنخېڭ تېز توشۇش چەكلىك شىركىتى جياڭخەن شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ يۇڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت مەسىلىسىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلدى.

«ھازىر جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىدا تەخمىنەن 200 مىليون كىشى بار، دۆلەتنىڭ سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ خاتىرجەم، خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىللىق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

دېموكراتىيە بىلەن خەلق تۇرمۇشى يۇغۇرۇلۇپ ئورتاق سادا ياڭرىتىش −

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شاڭخەي شەھىرى چاڭنىڭ رايونى خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇبېي رۇڭخۇا 4 - ئاھالىلەر رايونى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شېڭ خۇڭنىڭ يان تېلېفونىدىكى بىر پارچە سۈرەتتىكى قېلىن ھۆججەتلەر ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق رايىنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش «راۋان يول»ىدا مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىزلىرىغا گۇۋاھ بولدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتى تەسىس قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆت ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى جەمئىي دۆلەتنىڭ 103 قانۇن لايىھەسىنى ئاڭلاپ، 3771 تەكلىپنى يۇقىرىغا يوللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 337 تەكلىپ قوبۇل قىلىندى.

«پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى زىننەت بۇيۇمى ئەمەس، ئۇ، دۆلەتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ كىچىك نىشانىنى زىچ تۇتاشتۇرىدۇ.» شېڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: مىليونلىغان خەلقنىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيەسى «جۇڭگونى ئىدارە قىلىش»نىڭ «قاتتىق ئۇل تېشى»نى بەرپا قىلدى.

نۇرغۇن ۋەكىل ۋە ئەزا مۇنداق بىلدۈردى: پات ئارىدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مۇقەررەركى، پارتىيە رايى، خەلق رايىنىڭ ماس قەدەمدە ھەرىكەتكە كېلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە خاس قىياپەت بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا ئەڭ كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىدۇ.

«بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى چوقۇم پايتەختكە يەتكۈزۈڭ» «كۆپچىلىككە بىزنىڭ كۈنلىرىمىزنى چوقۇم ئىلگىرىكىدىنمۇ ياخشى ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىڭ»...

بۇ كۈنلەردە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىزاڭ رىكازې شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىماچيۇڭلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئۇچۇرنى ئارقا - ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالدى.

2025 - يىلى 1 - ئايدا، رىكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنى ئۆتكۈنچى ئورۇنلاشتۇرۇش پۈتۈنلەي تاماملاندى.

بۇ قېتىم يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، نىماچيۇڭلا يەنە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا مەخسۇس باردى: پاكىز قۇراشتۇرما ئۆيلەر رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، سۇ، توك، تورنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى...

«مەن يۇرتداشلىرىمنىڭ قەلب ساداسىنى ئېلىپ كەلدىم، بىزنىڭ يېڭى ماكانىمىز <غول تارتىپ باراقسانلاۋاتىدۇ>، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ماكانىمۇ بارغانسېرى گۈللىنىدۇ!»

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش −

يىلان يىلى كىرىشى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گۇاڭجوۋ مەيپۇ ھاسىلىي تېببىي پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈەن يۈيۈ كوللېكتىپنى باشلاپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى يۇغۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشلىدى.

«كۈچلۈك بوران - چاپقۇن، شىددەتلىك دولقۇندىن قورقماي بۆسۈپ ئۆتكەندىلا، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ!» ئىلگىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشكەن، باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشكەن بۇ «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچى شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغاندا، مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسى بىلەن شەخسنىڭ كەسىپ ئارزۇسى مۇقەررەر ئورتاق ئارزۇ بولۇپ، ئورتاق ئىشقا ئاشىدۇ.

«بىز ئەزەلدىن بوران - چاپقۇنلاردا چېنىقىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا زورايغان، كۆپچىلىكتە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بولۇشى كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقى بىلەن ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ قەلب ساداسى جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش ئاساسىي مېلودىيەسى بولۇپ مۇجەسسەملەندى −

پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتقا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشۇش كېرەك.

باھار شامىلىنى كۈتۈۋېلىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىدە چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

...

2025 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن جۇڭگو ئىشەنچىنى نامايان قىلىپ، پارلاق ئىستىقبالنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ مۇقەررەر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ!

(مۇخبىرلار ۋۇ جىڭ، دۇڭ رۇيفېڭ، گاۋ لېي، ۋېي يۈكۇن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.