2-ئاينىڭ 27-كۈنى، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ زەكتى بازىرىدىكى شىمالىي تاغنىڭ بىر قىسىم تاغ باغرىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر كۆرۈنۈش نامايان بولدى: ئاق زەپە قار-مۇز ئارىسىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، تەدرىجىي ئېچىلىشقا باشلىدى. ئاق زەپە بىر خىل ئەتىۋارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بولۇپ، كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر ئېگىز، كىلىماتى سوغۇق تاغلىق رايونلاردا ئۆسىدۇ. كۈنەس ناھىيەسى زەكتى بازىرىنىڭ شىمالىي تاغ باغرىدىن بايقالغان ئاق زەپە، قار-مۇزلار تېخى تولۇق ئېرىمەي تۇرۇپلا، توڭ تۇپراقتىن قەيسەرلىك بىلەن تېشىپ چىقتى، سۆسۈن رەڭلىك «چاپان»ى ئاق رەڭلىك يۇمران گۈلنى ئوراپ تۇرغان بولۇپ، قالدۇق قار بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق كۆرۈنەتتى. تال-تال گۈللەر ئاپئاق قارلار ئارىسىدا قەددىنى مەغرۇر كۆتۈرۈپ، شۇ جايدا باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن تۇنجى بولۇپ سىگنال بەردى.


