□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
باھار كېلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى چېلىندى؛ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، «تىرىشىپ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش» قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
بۇ باھاردا، شىنجاڭنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشتى، ھەممىلا جايدا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان قايناق مەنزىرە بارلىققا كەلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا مەزمۇت قەدەم تاشلاندى.
ھازىر، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى يەنىلا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، لېكىن ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك تىرەك، شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى.
ئومۇمىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھات ـ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.
يېڭى بولۇشقا قاراپ ئاتلىنىپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىش
«ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق بولغان» شىنجاڭنىڭ تاغلىرىدا ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، ئويمانلىقلىرىدا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز بار.
2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، شىنجاڭ خوتەن چوڭ يۇلغۇنساي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ قېزىش ـ تاللاش تۈرىدىن خۇش خەۋەر كەلدى − ئېغىر مۇھىتتا ماتېرىيال سېلىپ ئۈسكۈنىلەرنى سىناش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى لىتىيلىق پىروكسېن ساپ رۇدا مەھسۇلاتى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتە ئۆلچەمگە يەتتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ «14 ـ بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق تۈرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تۈر تولۇق پۈتكەندىن كېيىن ھەر يىلى 800 مىڭ توننا سۈپىتى ياخشى ساپ لىتىي رۇدىسى ئىشلەپچىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى مۇنداق جاكارلىدى: دۆلىتىمىزدىكى 10 مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش قۇدۇقى − چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 ـ قۇدۇقىنى بۇرغىلاش شىنجاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، يەرشارى بويىچە قۇرۇقلۇقتىكى 10 مىڭ مېتىردىن تۆۋەن چوڭقۇرلۇقتىكى نېفىت ـ تەبىئىي گازنى بايقاشتا نۆل ھالەت بۇزۇپ تاشلاندى، بۇ يەنە تارىم ئويمانلىقىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتى ۋە ئېچىش يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەشكە پايدىلىق.
بۇ نەتىجىلەرنىڭ ئارقىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا بولغان سەمىمىي تاپشۇرۇقى بار. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك».
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بايلىق ئاساسىنى جانلاندۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋاقىتقا ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا كېڭەيتتى. مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى، نېفىت ـ تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانلارنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.
2024 ـ يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 46 مىليارد 600 مىليون جىڭغا يېتىپ، ھوسۇل ئۇدا تۆت يىل ئاشتى، ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى 1050 جىڭ بولۇپ، تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇنغا ئۆتتى، ئىلگىرىكى چۆل ـ جەزىرىلەر ۋەتىنىمىزنىڭ «چېگرا رايوندىكى ئاشلىق ئامبىرى»غا ئايلانماقتا؛ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، يىللىق يېڭىدىن كۆپەيگەن گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئۆتكەن سەككىز يىلنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولدى؛ شىنجاڭ بويىچە توك چىقىرىش مىقدارى 531 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 126 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 22 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر «شىنجاڭ توكى»نى ئىشلەتتى؛ پۈتۈن يىلدا ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى 66 مىليون 640 مىڭ توننا بولۇپ، ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى؛ 558 كانچىلىق ھوقۇقى ھەقلىق بېرىلىپ، پايدىسى 29 مىليارد يۈەن بولۇپ، يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
بۇ، مۇشت چىڭ تۈگۈلۈپ، كەسىپلەر توپى ئۈنۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىشى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يېڭى بولۇشقا قاراپ ئاتلىنىپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشىنىڭ جانلىق ئىپادىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسى قوشۇلدى.
«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم موتور.
بۇ يىل 1 ـ ئايدا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار DeepSeek چوڭ مودېلى دۇنياغا كەلدى. قومۇل (ئاراتۆرۈك) بۇلۇت ئۈستى يىپەك يولى يۇغۇرما ھېسابلاش ئىقتىدارى مەركىزى تېز سۈرئەتتە ئىقتىدارى تېخىمۇ تولۇق بولغان DeepSeek چوڭ مودېلى بۇلۇت مۇلازىمىتىنى تورغا چىقاردى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچىسى ئەنخۇي ـ شىنجاڭ يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى پەن ـ تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا DeepSeek چوڭ مودېلىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ تورغا چىقاردى؛ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 12345 مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە سۇپىسى DeepSeek چوڭ مودېلىنى شۇ جايدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى تاماملاپ، ئىش تىزىملىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمى ۋە قىزىق لىنىيە مۇلازىمەت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى؛ شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) بۇ مودېلغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان «ۋېنجياڭ» AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدىسى سۇپىسى تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلدى، «يەرلىك بىلىم ئامبىرى» «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇخبىر» قاتارلىق تۆت چوڭ ئەمەلىي قوللىنىش تۇنجى تۈركۈمدە تورغا چىقىرىلدى... شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېڭى تېخنىكا دولقۇنىغا قىزغىن قۇچاق ئېچىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»دىن پايدىلىنىپ كۆپ ساھەگە كۈچ قوشتى.
ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ئۆزگەرتىلدى ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر زورايتىلدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى.
2025 ـ يىلى، شىنجاڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى كۆزلەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق كەسىپ توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت سىستېمىسى، يىرىك پىلان سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىققەتنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭ ـ چوڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىدۇ. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش ـ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشىدۇ.
ئىسلاھات ۋەزىيىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇش
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر.
«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول> يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۈتكەن زور ئۈمىدى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
ئىسلاھات «ئاچقۇچى» ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ توسۇقلار بۇزۇپ تاشلاندى، يېڭىلىق يارىتىش «كۈچى» ئارقىلىق ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇلۇپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. بۇلتۇردىن بۇيان، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە تۈزۈلمە ـ مېخانىزم توسالغۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا بىر تۈركۈم مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويدى. شىنجاڭ دىققەتنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق يەتتە جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى.
بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى نامايان قىلدى: شىنجاڭ «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» مەخسۇس رايونى 220 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنىڭ تىزىملاش ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىشنى بېجىردى؛ 2024 ـ يىلى چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 2023 ـ يىلىدىكىدىن %14 كۆپىيىپ، 16 مىڭ 400 قېتىمغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى؛ خەلق ئىچى كاپىتالىغا 120 تۈر تونۇشتۇرۇلۇپ، جەمئىي 75 مىليارد 327 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى؛ 2022 ـ يىلىدىن 2024 ـ يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا 200 مىليارد يۈەن، 300 مىليارد يۈەن، 400 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، شىددەت بىلەن ئېشىش ئىشقا ئاشتى... بۇ سانلارنىڭ ئارقىسىغا كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش تەرتىپىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى بازارلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلاشتۇرۇلۇشى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق نامايان قىلىنىشى مۇجەسسەملەنگەن.
شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. بۇلتۇر، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا 129 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلىشىش، يولغا قويۇلۇش نىسبىتى %65.2كە يەتتى، ئۆلكە دەرىجىلىك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ۋە تىپىك مىسالىدىن 35ى كۆپەيتىلدى، كېڭەيتىلدى.
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئايروپىلان باجدىن خالىي رېمونتچىلىق كەسپى قانات يايدۇرۇلدى، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە پورتىدا تۇنجى ئاممىۋى تىپتىكى باجدىن خالىي ئامبار قۇرۇلدى، شىنجاڭدا ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىلغان تۇنجى ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئاپتوبۇس پۈتتى... بىر قاتار «تۇنجى»لار يېڭىلىق يارىتىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنى نامايان قىلىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، دادىل سىناق قىلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ـ تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئىزاھاتىغا ئايلاندى.
جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت(رايون)لەر ئارا يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق كېلىشىم تۈرى ئىمزالاشقىچە، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن «تاشيول پورتى + تەۋە جايدا بىۋاسىتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى تۇنجى قېتىم ئىجاد قىلىشقىچە... تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىشتىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ «بىپايان دېڭىز»ىدا بەھۇزۇر ئۈزۈشكىچە، شىنجاڭ باشتىن ـ ئاخىر ئىشىكنى كەڭ ئاچتى، ھەمكارلىققا قۇچاق ئاچتى.
2 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە قاراشتا ئازاد بولۇپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ئىسلاھات سىناق نۇقتىلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپ باغچە رايونىنىڭ «قەپەزدىكى قۇشنى ئالماشتۇرۇش»ىغا تۈرتكە بولۇش؛ پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بازار ئىجازىتى توسۇقىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق چوڭ ـ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللاش؛ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش...
باش باھار كىرىشى بىلەن، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، قويۇق ئىسلاھات كەيپىياتى ھەممە جاينى قاپلىدى، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك باھار دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
بىر مەقسەتتە ئەمەلىي ئىشلەپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ يېڭى مۇساپىنى باشلاش
بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتا، جەزمەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى ئۇرغۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك.
شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى. ئالاھىدە سىياسەتنى يولغا قويۇپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش كېرەك. 2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا سەپنىڭ كەينىدە قالماسلىقىغا، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بۇ ئاچقۇچلۇق ئورۇنلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ 2025 ـ يىللىق چوڭ ـ چوڭ تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، 46 تۈر ئۇل ئەسلىھە، كەسىپلەر تەرەققىياتى، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى، شەھەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
پەقەت قەشقەردىلا ئەمەس، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدىمۇ بەس ـ بەستە «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى. 2 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، قومۇل شەھىرىدىكى 95 نۇقتىلىق تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 399 تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش بويىچە «بەسلىشىپ تېز يۈگۈرۈش»نى باشلىدى، بۇ يىل 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى تۈردىن 800دىن كۆپرەكنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن يىللىق سېلىنمىدا 100 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە تىرىشىدۇ... ھەرقايسى جايلار ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىشتەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىشلەپ، تىرىشىپ تەرەققىيات يېڭى كەيپىياتى ياراتماقتا.
نىيە ناھىيەسىدە، ئارقا دەريا قۇملۇقى توسۇپ زەربە بېرىش رايونى 2025 ـ يىللىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تۈرى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ مارالبېشى ناھىيەسىدە كادىرلار، ئامما ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئوت ـ چۆپ كاتەكچىسى ياتقۇزدى. ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلار «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قۇم دېڭىزىدا يېشىل مەنزىرىنى نامايان قىلدى.
كۇچا شەھىرىدىكى نەچچە مىڭ كادىر، ئامما ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىپ، «كۈسەن تار كوچىسى»نىڭ كۆركەم كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشىنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئۆرنىكىگە ئايلاندۇردى. بۇ يىل كۇچا شەھىرى 14 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، «كۈسەن تار كوچىسى»نى سىجىل، چوڭقۇر بەرپا قىلىپ، كۇچا كوناشەھەردىكى تېخىمۇ كۆپ كىچىك كوچىلارنى جانلاندۇرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ دۇكانلارنى ئاۋاتلاشتۇرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بېيىتىدۇ.
يېشىللىققا پۈركەنگەن پارنىكلاردا، دېھقانلار مايسا يېتىشتۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالدى؛ ئېتىز باشلىرىدا، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ئۇرۇق تاللاشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىن كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكىچە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلدى ... كۆپچىلىك دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىپ، كەڭ ئېتىزلارغا ئۈمىد ئۇرۇقى چاچتى.
ھەممە بارلىق كۈچنى سەرپ قىلىپ يېڭى بىر يىلدىكى خىزمەتلەرنى باشلىدى، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ قايتا ئاتلاندى.
پات ئارىدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن، شۇنداقلا جەزمەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. بىز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بىرلىكتە ئاتلىنايلى.






