تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭنىڭ ياخشى مەھسۇلاتى▏ شىنجاڭ شوخلىسى نېمىشقا بۇنچە «قىزىل»

 بىلەمسىز

 دۇنيادىكى ھەر تۆت بوتۇلكا شوخلا قىيامىنىڭ

 بىر بوتۇلكىسى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان

بۇ ھەم شىنجاڭنىڭ تۆھپىسى

ھەم شىنجاڭنىڭ ئىپتىخارى

دۆلىتىمىز بويىچە ھوسۇل جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇرىمىز

شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك شارائىتى شوخلا ماكانىنى روياپقا كەلتۈردى

شۇنىڭدەك شىنجاڭنى جۇڭگو ھەتتا دۇنيا بويىچە شوخلا پىششىقلايدىغان «ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش رايونى»غا ئايلاندۇردى

نۆۋەتتە

شىنجاڭنىڭ شوخلا تېرىلغۇ كۆلىمى 770 مىڭ مودىن ئاشتى

يىللىق ھوسۇلى 3 مىليون 470 مىڭ توننىغا يېتىپ

پۈتۈن مەملىكەت شوخلا ھوسۇلىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى

يەر شارىدىكى شوخلا مەھسۇلاتلىرى ئومۇمىي مىقدارىدىمۇ تەخمىنەن %15 ئۈلۈشنى ئىگىلىدى

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلار

شىنجاڭدىكى ئاساسلىق پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان شوخلا چىقىدىغان رايونلاردۇر

بۇنىڭ ئىچىدە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان شوخلا ئۆستۈرۈش كۆلىمى مۇقىم ھالدا 250 مىڭ مودىن ئارتۇق بولۇپ

يىللىق ھوسۇلى ئىككى مىليون توننىدىن ئاشماقتا

سۈپەت ئەۋزەللىكى جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىمىز

شىنجاڭنىڭ شوخلا ھوسۇلى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن

شوخلىنىڭ سۈپىتىمۇ ناھايىتى ياخشى

 ئەزەلدىن «شوخلا يېسىڭىز شىنجاڭنىڭ شوخلىسىنى يەڭ» دەيدىغان گەپ بار

شىنجاڭ شوخلىسى ئۆزىنىڭ چۈچۈمەل ۋە شېرىن تەمى، قۇم ئەتلىك بولۇشى بىلەن ئالاھىدە تەرىپلەندى ۋە نام قازاندى

 شۇنداقلا يۇمشاق، گۆشلۈك، شېرىن، سۇلۇق بولۇپ

 شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئىللىق قۇياش نۇرىغا تويۇنغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى

  جىمىسار ناھىيەسىنىڭ چىڭياڭخۇ يېزىسى ئەرگۇڭلىياڭ كەنتىدە، دېھقانلار چوڭ تىپتىكى يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان شوخلىلارنى يىغماقتا. جاڭ يۈن فوتوسى

  شىنجاڭ شوخلىسى قىزىل پىگمېنت مىقدارى يۇقىرى بولۇش، ئېرىشچان تۇراقلاشتۇرغۇچ ماددىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇش، بىرلىك ھوسۇلى يۇقىرى بولۇش 

شۇنىڭدەك كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى ئاز، زەمبۇرۇغ ئاز بولۇشتىن ئىبارەت

«ئۈچ يۇقىرى، ئىككى ئاز بولۇش»تەك سۈپەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە

بۇ ئالاھىدىلىكلەر شىنجاڭ شوخلىسىنى پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان

مەسىلەن، شوخلا قىيامىنىڭ يېپىشقاقلىقى ياخشى، چۈچۈمەل ۋە شېرىن، يېيىشلىك ھەم تەملىك

ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ شوخلىسىنىڭ قىزىل پىگمېنتى، ئورىزانول قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ئادەتتىكى شوخلىدىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولۇپ

ھەر 100 گىرام مېۋە ئېتى تەركىبىدىكى ئورىزانولنىڭ مىقدارى 5.5 گىرامغا يېتىدۇ

قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى شىجۇخۇ كەنتىدىكى دېھقانلار شوخلا يىغىش ماشىنىسى ئارقىلىق شوخلىلارنى يىغماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش -تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، دېھقانلارنى شوخلا تېرىشقا يېتەكلىدى. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

شوخلا تۈرى جەھەتتە بىز ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىمىز

 دۇنيا بويىچە جەمئىي 13 خىل شوخلا تۈرى گېن گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىپ چىقىلدى

 شىنجاڭ ھازىر 11نى ئىگىلىدى

 3-ئەۋلاد يەككە مولېكۇلىلىق ئەمەلىي ۋاقىتتا ئۆلچەش تەرتىپى تېخنىكىسى، پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسىنىڭ ئوپتىكىلىق خەرىتە تېخنىكىسى

 ۋە يۇقىرى ئېقىمدىكى بويالغۇچى تەنچە كونفورماتسىيەسىنى تۇتۇشتىكى ئۆلچەش تەرتىپى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى 11 خىل شوخلا سورتىنىڭ گېن تەرتىپىنى ئۆلچەپ رەتكە تىزدى

ھەم 11 بويالغۇچى تەنچىنى ئىقتىدارىغا ئاساسەن يۇقىرى سۈپەتلىك گېن گۇرۇپپىسىغا ئايرىپ تىزىپ چىقتى

بۇ، شوخلا تۈرى بويىچە ئىرسىيەت بايلىقى ساھەسىنىڭ تەتقىقات خەزىنىسىنى ئېچىپ 

شىنجاڭنىڭ تېرىقچىلىق چوڭ رايونىدىن دۇنيادىكى شوخلا تۈرى بويىچە ئىرسىيەت بايلىقى مول رايونغا ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

   رەقەملىك تېخنىكا بىلەن يېزا ئىگىلىكى تېز يۇغۇرۇلۇپ

   يېزا ئىگىلىكىنى پەرۋاز قىلدۇرىدىغان قاناتقا ئىگە قىلىپ

ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە قاراپ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى

كىچىككىنە شوخلىمۇ يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات تېز سۈرئەتلىك يولىغا قەدەم قويدى

  بىڭتۇەن 2-شى 22-تۇەنگە جايلاشقان شىنجاڭ خېجىڭ ياتەي ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىدىغان، پىششىقلايدىغان شوخلا قىيامى 5000 توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، مەھسۇلاتى شاڭخەي، تيەنجىن، سەنشى، خېنەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.  شيې جياڭلىن فوتوسى

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

 شىنجاڭ سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، چۆنەك تارتىپ ئۆستۈرۈش، ماشىنىدا تېرىش-يىغىش

قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۇنىۋېرسال توپلاپ يۈرۈشلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ،

شوخلا سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۇغىرىشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، تېرىقچىلىقنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى

ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش پىكىر يولى بويىچە

شوخلا ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ

شىنجاڭ شوخلىسىنى پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلەندۈردى

نازارەت قىلغۇچى: دىڭ تاۋ،  ياڭ تاۋ

پىلانلىغۇچى: جى جوۋ

تېكىستنى تەييارلىغۇچى: ۋېي جياڭتاۋ

ئېلان لايىھەلىگۈچى: شى رۇي

ماتېرىيال مەنبەسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، ئانار بۇلۇت، تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.