ئەزا ئايىمسا توختاخۇن:
«تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش»نى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولىمەن
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن
جۇڭگونىڭ غەربىي قۇتۇپىدىكى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە، ھەر كۈنى يېڭى قوي گۆشى لىق بېسىلغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا كېلىدۇ، بۇ گۆشلەر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ.
ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ يېڭى قوي گۆشىنى شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىرىش مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى ئايىمسا توختاخۇن ئوتتۇرىغا قويغان «تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپتىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق يىراق جايلاردىكى خېرىدارلارنى ئەلا سۈپەتلىك قىرغىز قوي گۆشىنى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.
2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى سەھەردىلا، ئايىمسا توختاخۇن ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى ساز كەنتىگە بېرىپ بىر كۈنلۈك زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۇقرالارنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن خەلق رايىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدىغانلىقىغا باشتىن ـ ئاخىر قەتئىي ئىشىنىدۇ.
ئايىمسا توختاخۇن يېزا رايونلىرىدىكى ئەشيا ئوبوروتى مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ قاتناش قولايسىز، ئەشيا ئوبوروتى تورى بىلەن قاپلىنىشى يېتەرسىز بولغان چەت ـ يىراق رايونلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئىلگىرى، كەنتلەرنىڭ شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق، تېز يەتكۈزگۈچىلەر ۋە تېز يەتكۈزۈش پونكىت ـ نۇقتىلىرى كەمچىل بولغاچقا، دائىم دېھقانلارنىڭ پوسۇلكىلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولمايتتى، بۇ ئۇلارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىشنى ھېس قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەپ قويغانىدى.
«تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش»كە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىدە، ئۇ ئۈچ دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، تېز يەتكۈزۈش ھەربىر يېزا ـ كەنتنى قاپلاش، دېھقانلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا پوسۇلكىلارنى تاپشۇرۇۋېلىش ـ يوللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ تەكلىپ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى ھەم تېزدىن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى. شىنجاڭنىڭ يېزا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ھەربىر كەنتنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى، «تېز يەتكۈزۈش بىلەن تېز يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى»، يولۇچى تىرانسپورتى، يۈك تىرانسپورتى، پوچتا ئارقىلىق كەنتلەرگە كىرگۈزۈش يېڭى ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، تېز يوللانمىلارنى كەنتلەرگە يەتكۈزۈش قېتىم سانى كۆپەيتىلدى. دېھقانلارنىڭ تېز يوللانمىلارنى تاپشۇرۇۋېلىشى، ئەۋەتىشى تېخىمۇ قولايلاشتى، شۇ جاينىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئوڭۇشلۇق سېتىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
ئۇلۇغچات ناھىيەسى تۇيۇن يېزىسى تۇيۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مىمانجان مەمەتجۈمە دەل بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. 2024 ـ يىلى، مىمانجان تېز يەتكۈزۈش ئارقىلىق قىرغىز قويىدىن 101نى پۈتۈن مەملىكەتكە ساتتى، سېتىش سوممىسى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
«ئىلگىرى قويلارنى پەقەت ئۆز جايىمىزدىلا ساتالايتتۇق، باھاسى تۆۋەن ئىدى. ھازىر تېز يەتكۈزۈش ئارقىلىق قويلىرىمىزنى پۈتۈن مەملىكەتكە ساتالايدىغان بولدۇق، باھاسى بىر قاتلاندى، كىرىمىمىزمۇ خېلىلا كۆپەيدى.» مىمانجان «تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى ماختىدى.
ھەر قېتىم مىمانجاننىڭكىگە ئوخشاش بۇنداق ھېكايىلەرنى ئاڭلىغىنىدا، ئايىمسا توختاخۇن خۇشال بولىدۇ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپنىڭ مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ھەربىر تەكلىپ، تەۋسىيەنىڭ ئارقىسىدا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىدە چىڭ تۇرۇشى بار.
ھازىرقى «تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش»تە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن ئۇ ئىنتايىن پەخىرلىنىدۇ: «تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى، بولۇپمۇ چەت ـ يىراق رايونلاردىكى دېھقان ـ چارۋىچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئۇلارنىڭ ئىستېمال ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى».
بۇ يىل، ئايىمسا توختاخۇن ئۈچ تەكلىپنى ئېلىپ يىغىنغا قاتنىشىشقا تەييارلاندى، بۇ، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئارقىسىغا ئۇنىڭ كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىنكى ئويلىنىشى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ، بۇ تەكلىپلىرى ئارقىلىق يۇرتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
[مۇخبىر خاتىرىسى]
ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇردى
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئايىمسا توختاخۇننىڭ قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. ئۇ پەقەت ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆككەندىلا، ئاندىن پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەقىقىي ئىگىلىگىلى، ئاندىن ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ھەر قېتىملىق زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەربىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشتىن كەلگەن. ئۇنىڭ نەزەرىدە، پۇقرالارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشتا كىچىك ئىش يوق، ئۆزىنىڭ ھەربىر تەكلىپىگە پۇقرالارنىڭ ئۈمىدى ۋە ئارزۇسى يۈكلەنگەن. مەيلى يېزا ئەشيا ئوبوروتىدىكى مەسىلىلەر بولسۇن ياكى مائارىپ ساھەسىدىكى مەسىلىلەر بولسۇن، ئايىمسا توختاخۇن ھەمىشە ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ، ئىجابىي پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، پۇقرالارنىڭ قىيىنچىلىقى، ئەڭ ئاددىي ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۇنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جۇڭگونىڭ غەربىي قۇتۇپىدىكى تۇپراقتا، تېخىمۇ كۆپ خەلق رايىنى ئاڭلاپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش ئۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى بولۇشتىكى ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى.