شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) DeepSeek چوڭ مودېلى ئاساسىدا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان «ۋېنجياڭ» AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدە سۇپىسى تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلدى. تۇنجى تۈركۈمدە تورغا چىقىرىلغان AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدىسىدە «يەرلىك بىلىم ئامبىرى» «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇخبىر» «سۈرەت ياردەمچىسى» «تەرجىمان» قوللىنىلغان بولۇپ، 2025 ـ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشنى كۈچلۈك AI تېخنىكىسى تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى)نىڭ رەقەملىشىش ـ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ تاراتقۇ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى «بايراقدار» بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش، سۇپا قۇرۇلۇشى، كەسىپ تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) ئىزچىل يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن مەسىلە ئىدى. 2024 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، 2025 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق چوڭ مودېل R1، DeepSeek - V3 ئىلگىرى ـ كېيىن ئېلان قىلىنىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بولغان ھېسابلاش ئىقتىدارى تەننەرخى، مەنبەدىن ئېچىش ئەندىزىسى ۋە تەبىئىي تىل ئارقىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش، ماتېماتىكا، كود قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاجايىپ ئىقتىدارى بىلەن پۈتۈن يەرشارىدا ئالقىشقا ئېرىشتى. شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) ھېسابلاش ئىقتىدارى، ھېسابلاش ئۇسۇلى جەھەتتىكى توسۇق بۇزۇپ تاشلانغاندىن كېيىنكى غايەت زور يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن تونۇپ يېتىپ، دەرھال تېخنىكا كوللېكتىپى تەشكىللەپ «ۋېنجياڭ» AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدە سۇپىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتىنى باشلىدى، بۇ، چوڭ مودېلنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، يەرلىك بىلىم ئامبىرى ۋە خىزمەت ئېقىمى سۇپىسى بەرپا قىلىش، يادرولۇق كەسىپكە بىرلەشتۈرۈپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدە بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى قوللىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، تېخنىكا كوللېكتىپى كۆپ تىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاراتقۇ بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھى بولغان شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تەمىنلىگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مۇلازىمەت ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ، DeepSeek - R1 چوڭ مودېلى ھەم كۆپ مودېللىق ھالەتتىكى كۆپ مودېلنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كوللېكتىپ گېزىتخانا (گۇرۇھ)نىڭ ئەلا سۈپەتلىك سانلىق مەلۇمات بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىلگىرىكى ماقالىلەرگە دائىر سانلىق مەلۇماتتىن 800 مىڭدىن ئارتۇقنى توپلاپ، ئانالىز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى قاپلاپ، ئىزدەپ تېپىش، كۈچەيتىش، ھاسىل قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق يەرلىك بىلىم ئامبىرى قۇرۇپ، چوڭ مودېلنىڭ سۆھبەتلەشكەندە مەزمۇننى تېخىمۇ توغرا چىقىرىپ بېرىشىگە ياردەم بەردى، شۇنداقلا سانلىق مەلۇمات توپلىمى بويىچە داۋاملاشما مەشىقلەندۈرۈش، تىك تۈر مودېلى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالدى. چوڭ مودېل ئىقتىدارى ۋە يەرلىك بىلىم ئامبىرى ئاساسىدا، «ۋېنجياڭ» سۇپىسى تۇنجى تۈركۈمدە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇخبىر» «سۈرەت ياردەمچىسى» «تەرجىمان»دىن ئىبارەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدىنى تورغا چىقارغان بولۇپ، بۇ، ئاساسلىقى گېزىتخانا (گۇرۇھ)نىڭ مەزمۇن ئىجاد قىلىش يادرولۇق كەسىپ ھالىتىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇخبىر» AI يېزىقچىلىقى، تۈزەش، ئۆزگەرتىش ـ كېڭەيتىپ يېزىش، كوررېكتورلۇق قاتارلىق ياردەمچى ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەپ، مەزمۇن ئىجاد قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ؛ «سۈرەت ياردەمچىسى» كۆپ مودېللىق مودېلدىن پايدىلىنىپ، مەزمۇنغا قاراپ سۈرەت ھاسىل قىلىش، زەخىمسىز چوڭايتىش، سۈرەتنى ئويۇپ ئېلىش، سۈرەتنى كېڭەيتىش ۋە چىراي ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۈرەت ئىجادىيىتىنىڭ بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ «تەرجىمان»دا دىققەت تاراتقۇلارنىڭ كەسپىي تەرجىمە ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى تېكىست تەرجىمىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى %90تىن ئاشىدۇ.
«ۋېنجياڭ» AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدە سۇپىسىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىش ۋە تورغا چىقىرىش «شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ رەقەملىشىش ـ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى يېپيېڭى باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، تېخنىكا كوللېكتىپى ھەمكارلىق ھەمراھى بولغان شىنجاڭ تېلېگرافى تەمىنلىگەن تېخىمۇ كۆپ ھېسابلاش ئىقتىدارى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، سىن چوڭ مودېلىنى قوللىنىش، يەرلىك سانلىق مەلۇمات توپلىمى بويىچە مەشىقلەندۈرۈش ۋە DeepSeek چوڭ مودېلى ئارقىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش بويىچە مەشىقلەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەينى ـ كەينىدىن يېڭىلاشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپ ھالىتىنى قاپلىغان، ئاخبارات ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى بىلەن چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈلگەن AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدە ئېكولوگىيە سۇپىسى بەرپا قىلىپ، رەقەملەشكەن ـ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش كۈچى شەكىللەندۈرۈشنى پۇختا تېخنىكا ئاساسى بىلەن تەمىنلىمەكتە.