ۋەكىل دۆلەتمەن كەمىك:
مەڭگۈ ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولىمەن
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ
دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان پامىر ئېگىزلىكىدە، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چېگرانى قوغداش يولىغا ئاتلىنىش − تاشقورغاندىكى نۇرغۇن چارۋىچىنىڭ تۇرمۇش يولى. 31 ياشلىق دۆلەتمەن كەمىكنىڭ ئۆيى مۇشۇ يەردە، ئۇ چېگرا قوغدىغۇچىلىقتىن ئۆسۈپ يېتىلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىلى.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى چېگرا ناھىيە بولۇپ، 800 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيەسى بار. بۇ يەردە، جۇڭگودا نامى چىققان چېگرا قوغدىغۇچى − «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى بايەكە كەلدىبېك بار. بايەكە بوۋاينىڭ ئوغلى، «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەمۇ ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، دۆلەتمەن كەمىك بىلەن خىزمەتداش ئىدى.
لاچىن بايەكەمۇ دۆلەتمەن كەمىك ئەڭ قايىل بولىدىغان قەھرىمان بولۇپ، 2021 - يىلى 1 - ئايدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇپ، ھاياتى 41 ياشتا توختىغان.
«دۆلەتنىڭ چېگرا تېشى بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ قوي - كالىلىرىمىز بولسۇن.» لاچىن بايەكەنىڭ سۆزى يەنە دۆلەتمەن كەمىكنىڭ ھاياتلىق دەستۇرىغا ئايلاندى ھەم تېخىمۇ كۆپ چېگرا قوغدىغۇچىغا تەسىر كۆرسەتتى.
لاچىن بايەكە قۇربان بولغاندىن كېيىن، دۆلەتمەن كەمىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلىنىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى خەلقنىڭ ئەھۋالى، خەلقنىڭ ساداسىنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزدى.
بۇ يىل دۆلەتمەن كەمىكنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقىنىڭ 4 - يىلى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ئالاقىدار تۈرلۈك بىلىملەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا پائال چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تەكلىپ لايىھەسى، تەۋسىيەلەرنى كۆڭۈل قويۇپ يازدى.
«ھەر قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىمەن، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، تەكشى، كەڭ ئاسفالت يوللار تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلدى، تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلاندى، ساياھەتكە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى... ھازىرقى ياخشى تۇرمۇشىمىزغا قارىسام، قەلبىم مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولىدۇ» دېدى دۆلەتمەن كەمىك.
بۇ يىللاردا، دۆلەتمەن كەمىك چېگرا چارلاش، چېگرانى قوغداش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چېگرا رايوندىكى ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تەۋسىيەلەرنى يازدى، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تەۋسىيەلەرمۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتى، بەزى تەۋسىيەلىرى ئەمەلىي ھەرىكەتتە ئىپادىلەنمەكتە.
«مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان مەزگىل مەن ھەر يىلى ئەڭ ھاياجانلىنىدىغان پەيت.» دۆلەتمەن كەمىك مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان نۇرغۇن تەپسىلات بار، بولۇپمۇ 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بىز تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئايال ۋەكىللەرگە ئالايىتەن كىچىك سوۋغات تەييارلاپتۇ. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، بىر خىزمەتچىنىڭ كىچىك سوۋغاتنى ئېلىپ ئالدىمغا كېلىپ: «بۇ لاچىن بايەكەنىڭ قىزىغا تەييارلىغان كىچىك سوۋغات، بىز ئۇنىڭ ساغلام، خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشمىز، سىز بىزگە ۋاكالىتەن سوۋغات ۋە تىلەكلىرىمىزنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ» دېگىنى بولدى.
شۇ دەقىقىدە، دۆلەتمەن كەمىك چوڭقۇر تەسىرلەنگىنىدىن كۆز چاناقلىرى نەملەشتى. «مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن يۇرتۇمغا قايتىپلا بىرىنچى ۋاقىتتا بايەكە كەلدىبېكنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدىم ھەم بىز تۇرغان مېھمانخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ سوۋغىتى ۋە تىلىكىنى يەتكۈزدۈم» دېدى ئۇ.
دۆلەتمەن كەمىك مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، بۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتقان ئېسىل ئەنئەنىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەڭگۈ ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولىمەن.
■مۇخبىر خاتىرىسى
چېگرا قوغداش ئەنئەنىسىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش
چېگرا رايوننى ئەمىن تاپتۇرۇش، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشتىكى قار - شىۋىرغانلىق مۇساپىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ھاياتلىق جاسارىتىنى پۈتۈپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
پامىر ئېگىزلىكىدە چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ھېكايىسى خۇددى سەلتەنەتلىك تارىخىي داستانغا ئوخشاش ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە پىداكارلىقى ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى ۋە گۈللىنىشىنى بارلىققا كەلتۈردى.
دۆلەتمەن كەمىكتىن ئىبارەت بۇ چېگرا قوغدىغۇچىلىقتىن ئۆسۈپ يېتىلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق «دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامانلىقى»نىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ئىزاھلاپ بەردى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، دۆلەتمەن كەمىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى چېگرا رايوننىڭ ساداسىنى يەتكۈزىدىغان ئەلچى بولدى. لاچىن بايەكەنىڭ روھى ئۇنى ئىلھاملاندۇرماقتا، شۇنداقلا ھەربىر كىشىنى تەسىرلەندۈرمەكتە. ئۇ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى يۇرتىغا ئېلىپ كەلدى، قەھرىماننىڭ ئەۋلادىغا تىلەكلەرنى يەتكۈزدى، ئۇلار چەكسىز دۆلەت مۇھەببىتىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلدى.
دۆلەتمەن كەمىك مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق ساداقەتمەنلىكنى ئىزاھلاپ، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە چوڭقۇر ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.