ۋەكىل جۇ گۇاڭلەن:
يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئىشلىرى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمەن
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي
«قانداق قىلغاندا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيە ۋە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ۋەكىللىك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئادا قىلىش كېرەك.» بۇ، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جۇ گۇاڭلەننىڭ خاتىرە دەپتىرىنىڭ باش بېتىدىكى بىر ئابزاس سۆز.
بۇ يىل جۇ گۇاڭلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان 3 ـ يىل بولۇپ، ئۇ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. جۇ گۇاڭلەن شىنشىڭ شەھىرى خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى 5 ـ ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، كۆكتات تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشى، سېتىش يوللىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ ئۇ يەنە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ ئاغزىدىكى «جۇ ھەدە» بولۇپ، ئېتىز باشلىرىغا ۋە مەھەللە، ليەندۈيلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق ئىلتىماس ـ تەلىپىنى ئاڭلاپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلققە ۋاكالىتەن سۆزلىدى.
ئۆزى دېھقانچىلىق مەيدانىدا بولغاچقا، جۇ گۇاڭلەن يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئىشلىرىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلدى، «ئىلگىرى كۆپچىلىكنى بېيىشقا يېتەكلىسەكلا بولىدۇ، دەپ قارايتتىم، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنى يېڭى دەۋردىكى دېھقان ۋە ئىشچى ـ خىزمەتچى بولۇشقا قانداق يېتەكلەش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم.» 2024 ـ يىلى، قايتا ـ قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پىششىقلاش ئارقىلىق، ئۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەۋسىيەلەرنى تاپشۇردى، ئۇنىڭ تەۋسىيەلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاكتىپ جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى ھەم ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلدى.
يېقىندا، جۇ گۇاڭلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشكىللىگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشىگە قاتناشتى. جېمىنەي ناھىيەسى جېمىنەي بازىرى سارى ئۆلەڭ كەنتىدە، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پائال تۈردە قار ـ مۇز كەسپىنى كېڭەيتكەنلىكىنى، قار ـ مۇز ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى كۆردى. كۆپچىلىك بېيىش بىلەن بىللە، چېگرا رايون قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا پائال ئاتلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ قوشماقتا ئىدى.
«مەن ئېتىز بېشىدىن چىققان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپكە تايىنىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا خاسلىق بولۇشى كېرەك.» جۇ گۇاڭلەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈشتە ئۆگەنگەن تەجرىبىلىرىمنى خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كۆپرەك چارە ئويلاپ تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى كۆكتات پارنىكىنى ئەڭ بۇرۇن ھۆددە ئالغان خىزمەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇ گۇاڭلەن ئۆزى بېيىش يولىنى ئېچىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىشچى ـ خىزمەتچى، ئاممىنىڭ ئەسلىھەلىك پارنىك تېرىقچىلىقى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى 5 ـ ليەنىدىكى ئاق تاشلىۋېتىلگەن 128 پارنىكنىڭ ھەممىسى جانلاندۇرۇلدى، ئۇ يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ، كۆپچىلىكنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېشىل مېۋە ـ كۆكتات تېرىشقا يېتەكلەپ، 90دىن ئارتۇق ئىشچى ـ خىزمەتچى، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى 6 ـ ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى يۈ شىمېي بالىلار پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، جۇ گۇاڭلەن سىگۇانىڭ يېڭى سورتىنى ئۇنىڭغا ئالدىن بېرىپ، تېخنىكا جەھەتتىن قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلدى؛ خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى 5 ـ ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ ۋېنلىڭ چەيزە، خاڭگا قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىغاندا، كىرىمى ئىزچىل يۇقىرى بولمىغانىدى. جۇ گۇاڭلەن ئۇنىڭ ئالماشتۇرۇپ سىگۇا تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، شۇ يىلىلا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىندى... تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلدى، مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بەردى، جۇ گۇاڭلەننىڭ تۈرتكىسى ۋە ياردىمىدە، خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 20 نەچچە ئائىلىلىك ئىشچى ـ خىزمەتچى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭدى.
بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جۇ گۇاڭلەننىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزىدە يەنە بىر يېڭى بەت ئېچىلدى. «مەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچى ـ خىزمەتچى، ئاممىنىڭ ياخشى <ۋاكالەتچى>سى بولىمەن» دېدى ئۇ.
[مۇخبىر خاتىرىسى]
يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى
ۋەكىل جۇ گۇاڭلەن: «مەن تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق، ئىشچى ـ خىزمەتچى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى ئويلايمەن» دېگەن بىر ئېغىز سۆزنى دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانىدا جۇ گۇاڭلەننى ھەممە ئادەم ماختايدۇ، ئۇ ئىشچى ـ خىزمەتچى، ئاممىنىڭ بېيىش باشلامچىسى؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتىدا، ئۇ ئىشچى ـ خىزمەتچى، ئاممىنىڭ ئاغزىدىكى «جۇ ھەدە» بولۇپ، «نۆل ئارىلىق»تا ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلاپ، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. خەلققە ۋاكالىتەن ياخشى سۆزلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىش ئىزچىل ھالدا جۇ گۇاڭلەننىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە يۆنىلىش بولۇپ كەلدى، ئۇ ئاددىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماقتا.
جۇ گۇاڭلەن قاتارلىق ئېتىز باشلىرىدا ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن، بىز شىنجاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىياتنى كۆردۇق. ئۈمىد دالاسىدا، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش گۈزەل مەنزىرىسى ئاستا ـ ئاستا نامايان بولماقتا.






