ئەزا ليۇ تاۋ:
داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمنى قوشىمەن
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ
2025 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ليۇ تاۋ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەكلىپلەرنى تەييارلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى تەقدىم قىلىشقا تىرىشتى.
«سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش بىر شان - شەرەپ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئېغىر مەسئۇلىيەت.» ليۇ تاۋ مۇنداق دېدى: پەقەت ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن تەكلىپ بېرىشنى زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن خەلق رايىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ليۇ تاۋ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى. ئۇنىڭ ھەربىر قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا، ھەربىر تەكلىپىنىڭ ھەممىسىگە خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىندى.
«ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك.» ئالىي مەكتەپ مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ليۇ تاۋ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.
ليۇ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپلەر ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئېھتىياج يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى ۋە نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن، كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ھەرىكەتچان تەڭشەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان گىرەلەشمە پەن، كەسىپلەر ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، كەمچىل كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، دەرس سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى يېڭىلاپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى بىلەن جەمئىيەت ئېھتىياجىنىڭ ماسلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
«بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە تېخىمۇ ياخشى كەسىپ تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى ليۇ تاۋ.
ليۇ تاۋ ئۇزاق مەزگىل تېببىي مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، ساغلاملىق مەسىلىسىنى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. 2023 - يىلى شىنجاڭدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، ئۇ بىردەممۇ توختاپ قالماي ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش جەھەتتىكى ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.
ليۇ تاۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى، داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنى ئىگىلىدى. لېكىن داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا يەنىلا تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا ليۇ تاۋ مۇنداق تەكلىپ بەردى: داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ھەمدە ئىختىساسلىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنگە چۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ليۇ تاۋ يەنە ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 2007 - يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال تېببىي پەنلەر بويىچە تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۇدا ئۈستىگە ئالدى، 2021 - يىلى ئۇنىۋېرسال تېببىي شۆيۈەنى قۇرۇپ، تېببىي مائارىپ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەپ، «زامانىۋى تېبابەت بىلەن ئەنئەنىۋى تېبابەتنى تەڭ تۇتۇش»تىن ئىبارەت خاس ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا «تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، ئېلىپ قالغىلى بولىدىغان، ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ياخشى تەرەققىي قىلالايدىغان» 5000دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىختىساسلىقنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.
ليۇ تاۋ مۇنداق قارىدى: ئۇنىۋېرسال تېببىي مائارىپ سىستېمىسىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، مەكتەپ مائارىپىدىن باشقا، يەنە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ داۋاملىق تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىۋېرسال تېببىي مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ قېلىپلاشقان تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللە داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي كەسپىي ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تېببىي پەننى پۈتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.
بۇ قېتىم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىدىغان ليۇ تاۋ يەنە قومۇلنىڭ ماي تەركىبى مول كۆمۈرىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاقە تورىدا كۆرۈۋاتقان مەزمۇننىڭ بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقىنى قوغداش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تەكلىپلەرنى بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە يىرىك پىلانى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توغرا قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەشنى قىممىتى بار پىكىر يولى بىلەن تەمىنلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
«خەلق تۇرمۇشى ھال - ئەھۋالىدىكى ئىنچىكە، نازۇك نۇقتىلارنى كۆزلەپ، ئاساسىي قاتلام تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ ساداسىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ئاندىن دەۋر دولقۇنىدا بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلغىلى بولىدۇ» دېدى ليۇ تاۋ.
□مۇخبىر خاتىرىسى
مەسئۇلىيەت ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يولىنى ئۆلچەش
ليۇ تاۋنى زىيارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، قەلبىم ئۈمىد ۋە قىزىقىشقا تولدى. ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ھەقىقىي چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاندىن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سالماقنى بايقىدىم.
داۋالاش مۇلازىمىتى بولسۇن، ياكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى بولسۇن، ھەممە ئىشتا خەلق تۇرمۇشىغا رىشتە باغلىغانىدى. ليۇ تاۋ قەدەملىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى ھېس قىلىپ، مەسئۇلىيىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يولىنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ھەربىر قېتىم بايان قىلغان دادىل پىكرىگە، ھەربىر پارچە تەكلىپىگە جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەختى توغرىسىدىكى ئويلىنىشى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ھەرىكىتى بىلەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بۇرچنى زىممىگە ئېلىش − ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش، خەلقنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، بۇ دەل سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى.
ليۇ تاۋدىن مەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۆردۈم. تېخىمۇ كۆپ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ليۇ تاۋغا ئوخشاش شەھەر، يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى. ھەربىر پارچە تەكلىپ، تەۋسىيەنىڭ ئارقىسىغا ئۇلارنىڭ قايتا - قايتا مۇلاھىزە قىلىپ، چىن قەلب بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش نەتىجىسى يوشۇرۇنغانىدى. ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، كىچىككىنە ئىشلاردىن دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچنى مۇجەسسەملىدى.