تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى «جانلاندى»، مەدەنىيەت ئەۋج ئالدۇرۇلدى

ۋەكىل زويا باقىت:

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى «جانلاندى»، مەدەنىيەت ئەۋج ئالدۇرۇلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

«يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئىنتايىن تەقەززامەن.» 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، بۇ، قانۇن چىقىرىش پىكرىنى توپلاشقا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىلى زويا باقىتنىڭ غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

زويا باقىت ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي ئورنى(مۇزېي)نىڭ خىزمەتچىسى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتى تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىشى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «جانلاندۇرۇش»قا، مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى.

2024 ـ يىلى «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى پۈتۈن مەملىكەتتە قىزغىن دولقۇن پەيدا قىلدى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي ئورنى (مۇزېي) مىسلىسىز دىققەت قوزغىدى. قانداق قىلغاندا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنى تولۇق ياخشى قېزىپ، ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي ھېكايىلىرىدىن، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا زويا باقىتنىڭ ئويلىغىنى بار.

كۈندىلىك خىزمەتتە، زويا باقىت مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە دالىدىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا مەسئۇل. ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي ئورنى(مۇزېي)نىڭ ئاقىل مۇزېي قۇرۇلۇشى جەريانىدا، ئۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يازدى، «تاش ئادەم داكا كىچىك پىروگراممىسى» قاتارلىق رەقەملەشكەن تۈرلەرنى لايىھەلەشكە قاتناشتى، بۇلار مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى جانلىق، ئوبرازلىق بايان قىلىپلا قالماي، يەنە مۇزېينىڭ جەلپكارلىق قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى مۇزېيغا كىرىش، مۇزېينى ياخشى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن» دېدى زويا باقىت.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، زويا باقىت باشتىن ـ ئاخىر دىققەتنى ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. بۇلتۇر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، ئۇ «پەن ـ تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا» قاتارلىق ئۈچ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بىردەك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى. تەكلىپلەرنىڭ كۈچلۈك تەدبىرلەرگە ئايلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولغانلىقىنى كۆرگەن زويا باقىتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

2024 ـ يىلى، زويا باقىت ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 4 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى، بۇ ئۇنى دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا قارىتا تېخىمۇ كۆپ يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلدى. «جانلىقلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، سىجىل تۈردە ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن سۆزلەيمەن.

«ئۆگىنىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.» بىر يىللىق مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش جەريانىنى ئەسلەپ، زويا باقىت مۇنداق بىلدۈردى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى داۋاملىق ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەڭ دائىرىدە قاتنىشىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، خىزمەتنىڭ ئېنېرگىيەسى بولۇش، سۆزنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكلىپنىڭ سالمىقى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمەن.

[مۇخبىر خاتىرىسى]

مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش بىرىنچى سېپىدە يېزىش

«يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرى <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>نى قەلبىگە پۈكۈپ، <كىچىك بۆسۈش ئېغىزى> ئارقىلىق <چوڭ تەتقىقات>قا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەتقىقاتنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلىشى كېرەك.» زىيارەت داۋامىدا، ۋەكىل زويا باقىتنىڭ سۆزى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

ۋەكىل زويا باقىت مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي خىزمەتچىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قىزغىنلىقى تولۇپ تاشقان مەدەنىيەت تارقاتقۇچى. ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيقۇدا ياتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇپ، تارىخىي ئەسلىمىلەرنى رەقەملىك دەۋردە يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاممىغا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز تارقاتتى.

مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش زۆرۈر، چىڭ تۇرۇش تېخىمۇ زۆرۈر، ۋەكىل زويا باقىتنىڭ قەيسەرلىكى ۋە قىزغىنلىقى تېخىمۇ كۆپ ياشنى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا تېخىمۇ كۆپ ياشلىق كۈچىنى قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.