تىيانشان تورى خەۋىرى 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ئاق بوغۇز بۆكەن ئالتاي ۋىلايىتى ساۋۇر تېغىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى چارلاپ تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش، قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش ئارقىلىق، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈر توپىنى يىلدىن-يىلغا كۆپەيتىپ، تارقىلىش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتتى، ئېكولوگىيە-مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇردى، بۇنىڭ بىلەن، چۆلدىكى «زېرەكچاق»لار قوشۇنى تەدرىجىي زورايدى ھەمدە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.
ئارداق بېيىسقان فوتوسى


