تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى قىسمەن ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى، جاڭ يەنفاڭ

باھاردىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان پەيت دەل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش پەيتى.

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالغان.

2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى قىسمەن ئەزالىرى سالمىقى بار خەلق رايىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك سەمىمىي قەلبى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرىگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىپ، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە گۇۋاھ بولۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنىغا قاتنىشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تولۇق تەييارلىق قىلدى.

ئاقىل يېزا ئىگىلىكى چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتتى

زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. شىنجاڭ خۇيئېر يېزا ئىگىلىك گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئاقىل سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشكەن تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ كېڭەيتىشكە كۈچ چىقارغان يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا كارخانىسى، ئەزالار بۇ شىركەتتە ئاقىل سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىزمەتچىلەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شىنجاڭنىڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. «پەن - تېخنىكا كېۋەزدىن تېخىمۇ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا كۈچ قوشتى، بۇ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى لياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماشىنىلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ تىرىكى، شىنجاڭنىڭ كېۋەزدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشىدىكى ئاچقۇچ بولۇپ كەلدى. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى ۋاڭ ۋېي كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا ناھايىتى ئەستايىدىل بولدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى تەجرىبە بازىسىنى باشقۇرۇش ۋە سانلىق مەلۇمات توپلاش جەھەتتە بەلگىلىك چەكلىمىلىككە ئىگە، ئۆزۈم تۇرۇشلۇق تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئاپپاراتىنى مىسالغا ئالسام، ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنىڭ ئىپادىلىنىش تىپى سانلىق مەلۇماتىنى توپلاشتا ئاساسلىقى سۈنئىي كۆزىتىش - ئۆلچەشكە تايىنىدۇ، خاتالىق پەرقى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

خۇيئېر يېزا ئىگىلىك گۇرۇھىنىڭ ئىلغار ئېتىز پەرۋىشى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ كۆپ پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەجرىبە بازىسىدا ئەمەلىي قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ئىشنى ئالدى بىلەن ئېتىز پەرۋىشى ھالقىسىدىن باشلاپ، ئاپتوماتىك كۆزىتىش - ئۆلچەش تېخنىكىسىنى تەدرىجىي كىرگۈزۈپ، سۈنئىي خاتالىق پەرقىنى ئازايتىپ، پەن تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەلگۈسىدە ھازىر بار بولغان توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش - ئۆلچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتى ۋە يېڭى سورت يېتىشتۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئېنېرگىيە كەسپى گۈللەپ ياشنىدى

2024 - يىلى، شىنجاڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت توپلىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى» ۋە «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئەزالار ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە بېرىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كابېل كەسىپ باغچىسى قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا كارخانىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلدى.

«ئېنېرگىيە بايلىقى شىنجاڭنىڭ ئەڭ روشەن ئەۋزەللىكى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك. ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە كەسپى تەرەققىي قىلىپ گۈللەپ ياشنىماقتا.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى ما خۇادۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا يۈكلىگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نىڭ بىرى، ئەۋزەللىكنى ئەڭ زور چەكتە جارى قىلدۇرۇپ، بايلىقنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تولۇق ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئېنېرگىيە تاماق قاچىسىنى جەزمەن ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك» دېگەن ئۈمىدى، مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭ ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق ھەممە ئائىلىنىڭ چىرىغىنى يورۇتۇش، ھەممە ئائىلىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كېرەك.

غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشتى

ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش داۋامىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى ليۇ ۋېي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونىدىكى يېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى.

«شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش سۈپىتى بىلەن تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە.» ليۇ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىش، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، يېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە تاشقى ئالاقىسى ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بوشلۇق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

«زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ <پەن - تېخنىكا گېنى>دىن يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىقنىڭ <كۈچلۈك بۆسۈش ھاسىل قىلىش>ىغىچە، ئېچىۋېتىلگەن تۈگۈننىڭ <ھاۋا يىپەك يولى>دىن يېشىل ئېنېرگىيەنىڭ <چۆل جاۋاب قەغىزى>گىچە، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان قۇۋۋىتىنى نامايان قىلدى، بۇ دەل جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى غەنىزات توختى مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، بۇرچنىڭ زىممەمدە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئەزالىق ئەۋزەللىكىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى سۆزلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

يول بويى كۆزدىن كەچۈردى، يول بويى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. ئەزالار شىنجاڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى» ۋە «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا تولۇق ئىشەنچ باغلاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دانا تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۆپرەك كۆرسىتىپ، لاياقەتلىك «ئەزالار تاپشۇرۇقى» تاپشۇرىدىغانلىقىنى بەس - بەستە بىلدۈرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.