تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

​مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ، ئەزالارنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى مەزگىلىدە مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ تولۇق ياخشى ئادا قىلىشى، پائال مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىشىنى مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ كۇيرەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى، 2025 - يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تونۇشتۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدى. 2024 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەر پۈتتى، بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى ئەمەلىيلەشتى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى.

«بۇ، ھەم بىر قېتىملىق ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى، ھەم بىر قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيەسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەر، يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇلدى.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى غەنىزات توختى مۇنداق دېدى: بىر قاتار يارقىن سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، بولۇپمۇ نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىم يەنىمۇ ئاشتى.

«بۇ قېتىمقى يىغىن بىزنى ھازىر شىنجاڭ يۈزلىنىۋاتقان پۇرسەت، بۇ يىل چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلىق خىزمەتلەر قاتارلىقلار توغرىسىدا تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك تونۇشقا ۋە چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى دوۋ گاڭگۇي مۇنداق بىلدۈردى: دىققەتنى خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ «ئارزۇ تىزىملىكى»نى «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تىزىملىكى» قىلىمىز.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي يۈكسەكلىكىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشىنى قەلبىمىزگە چىڭ پۈكۈپ، پائال مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشتا، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ شەرەپلىك بۇرچىنى ئادا قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.