تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پۇقرالارنىڭ ساداسىنى يەتكۈزگۈچى بولىمەن

ما يانەن:​

پۇقرالارنىڭ ساداسىنى يەتكۈزگۈچى بولىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن

«دېھقانلار ئۈچۈن پائال پىكىر بايان قىلىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمەن. پۇقرالارنىڭ ساداسىنى يەتكۈزگۈچى بولۇش مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشتىكى دەسلەپكى ئارزۇيۇم ۋە بۇرچۇم.» خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ، يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغىچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى مەركىزىنىڭ ئالىي مال دوختۇرى ما يانەن چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، باقمىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشكىللىگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان ما يانەن يەنە سانجى ئەتراپىدىكى زامانىۋى باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، باقمىچىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، تەكلىپلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى.

«ئىشلەپ دېھقانلارغا كۆرسىتىش، دېھقانلارنى يېتەكلەپ ئىشلەش، دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىش» ئۇنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىدىيەسى، ئۇ زىيارەت قىلغاندىن باشقا يەنە دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يانچۇقىنى «تومپايتىش» ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستى «ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم تۆللىتىپ ئالتە قوزا ئېلىش»تىن ئىبارەت يۇقىرى ئۈنۈملۈك باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى. ئۇ سانجى شەھىرىنىڭ يۇشۇگۇ بازىرى چارۋىچىلىق كەنتىدە باقمىچىلارغا نەسىل تاللاپ يېتىشتۈرۈش، قوتان سېلىش، بېقىش، باشقۇرۇش، تۆللىتىش، قوزىلارنى ئەي قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار تېخنىكىلارنى ئۆگەتتى ھەم ئۇلارنى ئۆز جايىغا ماس كېلىدىغان باقمىچىلىق ئۇسۇلى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇردى. تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنى بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلدى.

ما يانەن ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېھتىياجىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىلا، ئاندىن تەۋسىيە سۇنغاندا نىشانلىق ئىش كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، ئاندىن سۇنۇلغان تەۋسىيەنىڭ ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى.

مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا، ما يانەننىڭ نەزەر دائىرىسى چارۋىچىلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، ئۇ دىققىتىنى يەنە ئېنېرگىيە، قاتناش، داۋالاش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەگە كېڭەيتىشكە ئاغدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر كۆپ تۈرلۈك تەۋسىيەلەرنى سۇندى. بۇ تەۋسىيەلەر ئۇ ئۆزى پىششىق بىلىدىغان ساھەلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، قاتناش ۋە ئېنېرگىيەنىڭ ياخشىلىنىشى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىدى.

2024 - يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا، ما يانەن شىنجاڭدا چارۋىچىلىق باقمىچىلىق مەيدانى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋە رەنىگە قويۇپ قەرز پۇل ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيەنى سۇندى. بۇ تەۋسىيەلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەم جاۋاب قايتۇرۇشقا ئېرىشىپ باقمىچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل ئۇ ھايۋاناتلارنى كارانتىن قىلىش بويىچە ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەنى سۇنۇپ، مالىيە مەدىتى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ مال دوختۇرلۇق خىزمىتى بېسىمىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇ «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتكەندە ئاندىن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ»غانلىقىغا، پەقەت يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ھالبۇكى بۇلارنىڭ ھەممىسى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىدىن، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئايرىلالمايدۇ.

ئۆتكەن بىر يىلغا نەزەر سالغاندا، ما يانەن ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ھەم مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمدى. بۇ يىل ئۇ تېخىمۇ كۆپ خىرىس ۋە مەسئۇلىيەتنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولدى، داۋاملىق ئىش ئورنىدا دېھقانلار ئۈچۈن پىكىر بايان قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

□مۇخبىر خاتىرىسى

«خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاممىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك»

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان ما يانەن دېھقانلارنىڭ ساداسىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئۇنىڭ دېھقانلار مەسىلىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.

ما يانەن ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، ئۇنىڭ قەدەملىرى ھەمىشە ئېتىز باشلىرىغا، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغىچە يەتتى، زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئېھتىياجىنى بىۋاسىتە ئىگىلەپ، بۇ سادالارنى ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى، ئارزۇسىنى خاتىرىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پىكرىنى بايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئاممىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.