تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئەرز - شىكايەت مەنبەسىنى تۈزەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايمەن

ئەزا دوۋ گاڭگۇي:​

ئەرز - شىكايەت مەنبەسىنى تۈزەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

شاۋقۇننىڭ دەخلىسىگە ئۇچراش، مال - مۈلۈك تالاش - تارتىشى، ھېسسىيات ماجىراسى...كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بەزى كىچىك ئىشلار زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. قانداق قىلغاندا زىددىيەتنى بالدۇرراق تۈگەتكىلى، پەسەيتكىلى بولىدۇ؟ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، شىنجاڭ جۈچېن ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى دوۋ گاڭگۇينىڭ قارىشىچە، بۇ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىكەن.

«ئەرز - شىكايەتنىڭ مەنبەسىنى تۈزەش − ئوخشاش تۈردىكى دېلو مەنبەسىنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يوشۇرۇن ماجىرالارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دەۋا ھالقىسىغا كىرىدىغان دېلو سانىنى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ.» 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دوۋ گاڭگۇي ماتېرىيال رەتلىگەچ ماڭا شۇنداق دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوخشاش تۈردىكى دېلو مەنبەسىنى تۈزەش جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، ئىناقلىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم بىر ھالقا ئىكەن.

كۈندىلىك خىزمەت ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، دوۋ گاڭگۇي دەۋا ھالقىسىغا كىرگەن دېلولار ئىچىدە كۆپىنچىسىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى دېلو مىساللىرى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى. «مەسىلەن، ئۆي - مۈلۈك ماجىراسى، مال - مۈلۈك ماجىراسى قاتارلىقلارنى مۇرەسسە قىلىشتا، ئوخشاش تۈردىكى كىچىك زىددىيەتلەر تېخىمۇ كۆپ.» دوۋ گاڭگۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دەۋا دېلولىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، سوت مەھكىمىسى سىستېمىسىغا غايەت زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئوخشاش تۈردىكى دېلولار كۆپ يۈزبېرىش زور مىقداردىكى قانۇن يۈرگۈزۈش بايلىقىنى خورىتىپلا قالماي، يەنە زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغىمۇ پايدىسىز بولدى. شۇڭا، ئوخشاش تۈردىكى دېلو مەنبەسىنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.

دوۋ گاڭگۇي مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەسىلەن، نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ماجىراسى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ماجىراسىدا مەنبەسىدىن تارتىپلا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، «پار ئىسسىماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان پار پۇلىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىش، تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش ئەھۋاللىرى دائىم يۈزبېرىپ تۇرىدۇ». ئۇ مۇنداق قارىدى: ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۆلچىمىنى بېكىتىش ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، بۇ قائىدە - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرگەن ۋە ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، ئامما رازى بولسا، تەبىئىيلا زىددىيەت - ماجىرا يۈزبەرمەيدۇ، بۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان كېيىنكى مۇرەسسە، دەۋالارمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ، مانا بۇ مەنبەدىن تۈزەشنىڭ نېگىزى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، خىزمىتى قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دوۋ گاڭگۇي بارلىق ئاماللار بىلەن ۋاقىت چىقىرىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ ئارقىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. ئۇ تاپشۇرغان كېسىم قارارى چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشتا دېلو سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانداق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەكلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش تۈزۈم - مېخانىزمىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى. كەسىپكە ئالاقىدار تەكلىپلەردىن باشقا، ئۇ يەنە 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» شىمالىي يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىدىكى رولىنى تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

بۇلتۇردىن ھازىرغىچە، دوۋ گاڭگۇي ئوخشاش تۈردىكى دېلو مەنبەسىنى تۈزەشنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىشنى نۇقتىلىق زورايتتى ھەم دېلولارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى خۇلاسىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى مەنبەدىن ئىزدىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خەلق تۇرمۇشىدىكى «كىچىك ئىشلار» مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، «ئاممىنى تايىنىدىغان قانۇن بولۇش، سۆزلەيدىغان داۋلىسى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش دەل خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسى».

□مۇخبىر خاتىرىسى

خەلقچىل قەلب بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇش

ئەرز - شىكايەت مەنبەسىنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشتىن دېلو سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانداق ياردەم بېرىشكىچە، دوۋ گاڭگۇي قاتناشقان ھەربىر تەكلىپ، تەۋسىيەنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇش تەسىراتىنى سۆزلىگەندە، دوۋ گاڭگۇي گەپنى ئىنتايىن ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش شەرەپلىك نامغا ئېرىشىشلا ئەمەس، بەلكى سالمىقى ئېغىر بىر مەسئۇلىيەت. شۇڭا، مەن ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردۇم. مېنىڭ قارىشىمچە، پەقەت ئاممىنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىلا، ئاندىن قىممىتى بار تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغىلى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، خەلق ئۈچۈن سۆز قىلغاندىلا، ئاندىن بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمدى باسىدىغان يولدا پۇختا ماڭغىلى بولىدۇ.

يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش ئالدىدا، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تەجرىبىسى مول دوۋ گاڭگۇينىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ «يېڭى بېسىم» ۋە «ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» بار بولدى. «يېڭى بېسىم» تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپتىن كەلگەن، «ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنىڭ بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشكەنلىكى، ھەربىر ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇلغانلىقىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتتى، غەيرىتىنى ئاشۇردى. «پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن بىر جۈملە سۆز دوۋ گاڭگۇينىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى ۋە ئەسلىي مەقسىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.