يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى 3-تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىدىكى سەيۋوپۇ كۆلى سۇلۇق يېرى بىلەن كۈنەس ناھىيەسى نارات سۇلۇق يېرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى.
بۇ قېتىم تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئىككى جايدىكى سۇلۇق يەر ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان سەيۋوپۇ كۆلى سۇلۇق يېرى ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى مۇھىم پەسىل قۇشلىرى ئالمىشىدىغان ئۆتەڭ بولۇپ، بۇ رايوندا ئاق قۇ، كۈل رەڭ تۇرنا، قارامتۇل كۈل رەڭ تۇرنا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئەتىۋارلىق قۇش تۈرلىرى كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن.
ئىلى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان نارات سۇلۇق يېرى ئۆزگىچە ئېگىز تاغ ئوتلاق ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئارقىلىق، چوڭ ئاق قۇ، رەڭلىك ئىبىس قاتارلىق ئەتىۋارلىق قۇشلارنى كۆڭۈلدىكىدەك ماكان بىلەن تەمىنلىگەن.
سەيۋوپۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى
ئادرېس: ئۈرۈمچى سەيۋوپۇ كۆل دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى
كىرىش بېلىتى: يۈەن سەككىز يۈەن\ئادەم

سەيۋوپۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى بوغدا چوققىسى ئېتىكىدىكى سەيۋوپۇ ئويمانلىقىغا جايلاشقان، ئۇ تەبىئىي سوغۇق سۇ خاراكتېرلىك كۆل بولۇپ، كۆلنىڭ شىمالىدىكى بوغدا چوققىسىدىكى قارلارنىڭ ئېرىشى ۋە كۆلنىڭ جەنۇبىدىكى گوڭگۇر چوققىسىدىكى قارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان.

ھەر يىلى كۆچۈش پەسلىدە، تۇرنا تۈرىدىكى ۋە ياۋا غاز تۈرىدىكى نەچچە 100 قۇش سۇلۇق يەرگە يىغىلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.
ياۋا ئۆردەك قاتارلىقلار كۆپ ئۇچرايدىغان قۇشتىن باشقا، بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن كۈل رەڭ تۇرنا، ئاق قوتان، قارا قاناتلىق شادىپاچاق لايخورەك، تەتۈر تۇمشۇق لايخورەك، پۆپۈچەكلىك قىليورغا، ئاق سۈڭگۈچ قاتارلىق نۇرغۇن قۇشلار ئۇچرايدۇ.
نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى
ئادرېس: نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى
كىرىش بېلىتى: 20 يۈەن\ئادەم


ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ شوربۇلاق بازىرىدىكى نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە.
بىپايان ئوتلاق، سۈپسۈزۈك دەريا-ئېقىن، قويۇق قومۇشلۇق، يەنە ھەر خىل ئەتىۋارلىق قۇش تۈرلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلار بار.

بۇنىڭدىن باشقا، نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا يەنە قۇشلارنى تاماشا قىلىش سۇپىسى، ساياھەت كېمىسى پىرىستانى قاتارلىق ئەسلىھەلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى مول ساياھەت، ئويۇن تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ھازىر بارلىق شەيئى ئويغىنىدىغان مەزگىلدە، سىز ۋاقتىنچە شەھەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن ئايرىلىپ، ئەگرى-بۈگرى ياغاچ كۆتۈرمە يولدا سەيلە قىلىپ، يېڭى، ياپيېشىل بىخلارنىڭ قومۇشلۇق ئارىسىدا يايراپ يۈرگەنلىكىنى تاماشا قىلىپ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ سۇ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتكەندە ياڭرىغان باھارنىڭ مۇقەددىمە كۈيىنى ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ، بۇ ئىككى سۇلۇق يەرگە تېز كېلىپ خۇشاللىققا ئېرىشىڭ.
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى