شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان تۇپراقتا، ھەم ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ، چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلار بار، يەنە يۇلتۇزلاردەك تارقالغان ئاجايىپ سۇلۇق يەر مەنزىرىسى بار، شىنجاڭدىكى سۇلۇق يەرلەرگە قەدەم قويغاندا، ئۆزىڭىزنى خۇددى تەبىئەت كۆڭۈل قويۇپ سىزغان رەسىم ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز، قۇشلار يېقىملىق سايراپ، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى ئىرغاڭلاپ تۇرىدۇ، ھەر بىر سۇڭ يەرگە ئېكولوگىيەنىڭ سىرى يوشۇرۇنغان. 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ 3-تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، سىزنى شېئىرىي ھېسسىياتقا تولغان ئارزۇيڭىزدىكىدەك جايغا سەپەرگە ئاتلىنىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى