ۋەكىل لى يۈنفېي:
ئوت ئۆچۈرۈش مەيدانىدىكى قەھرىماندىن ئاممىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇشقىچە
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ
2 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشكىللىگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشىنى ئەمدىلا ئاياغلاشتۇرغان لى يۈنفېي كۇچا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، داۋاملىق ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «كۆزدىن كەچۈرۈش ئەھۋالى ۋە يېقىندا توپلىغان ئۇچۇرلارنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ رەتلەپ، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىغا سۇنىدىغان تەۋسىيەلەرگە تەييارلىق قىلىشنى باشلايمەن» دېدى ئۇ.
لى يۈنفېي كۇچا شەھىرى چاڭنىڭ يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ سىياسىي جىداۋيۈەنى بولۇپ، 2012 ـ يىلى ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، شەرەپ بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىسى بولدى. زەيتۇن رەڭلىك يېشىل فورمىدىن يالقۇن كۆكى رەڭدىكى فورمىغىچە، ئۇ باشتىن ـ ئاخىر ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىدىن 3800دىن ئارتۇقنى بىر تەرەپ قىلىش، قاپسىلىپ قالغان 500دىن ئارتۇق كىشىنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى. بۇ سانلارنىڭ ئارقىسىغا سانسىز قېتىم ئۆلۈم گىردابىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىدەك كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان كۆرۈنۈشلەر مۇجەسسەملەنگەن.
«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان تۇنجى يىلى ئىنتايىن جىددىيلەشتىم، ئۆز خىزمىتىمگە ئالاقىدار تەۋسىيەنى سۇندۇم.» لى يۈنفېي شۇ يىلى سۇنغان يېزا ـ بازار(كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش كۈچلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەگە ئالاقىدار تارماقلار جاۋاب قايتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتى. بۈگۈنكى كۈندە كۇچا شەھىرىدە، بارلىق يېزا ـ بازارلارنىڭ ھەممىسىدە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەللىشىپ، كۆپ ئىقتىدارلىق مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلۇپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنى سەپلىنىپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئاساسى تەدرىجىي پۇختىلاندى.
«تۇنجى قېتىم سۇنغان تەۋسىيەمگە جاۋاب قايتۇرۇلۇپ ئىشەنچىم ئاشتى.» لى يۈنفېي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر مەن سۇنغان كونا ئولتۇراق رايونلارنى ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئۈچ تەۋسىيەمگە ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار جاۋاب قايتۇردى.
لى يۈنفېي تۈرلۈك ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە پائال قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
لى يۈنفېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بىز قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە بىخەتەرلىكنى تەكشۈرگەن، تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئېرىشىمىز. بۇ يىل، مەن دىققەتنى ئېنېرگىيە، كۈسەن مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەمدە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ تەۋسىيە سۇنۇشنى پىلانلىدىم.
ئوت ئۆچۈرۈش بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لى يۈنفېي باشتىن ـ ئاخىر ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتتى. ئۇ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ مەھەللە، يېزا، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى توپلىدى، كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەر ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمگە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، خەلقنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بۇرچىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن.» لى يۈنفېي مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە كۈندە، مەن رەتلەپ چىققان مەزمۇنغا ئاساسەن، داۋاملىق ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەۋسىيەلەرنى سۇنىمەن.
[مۇخبىر خاتىرىسى]
سالاھىيىتى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى يۈنفېي بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن يالقۇن كۆكى رەڭلىك فورمىغا خاس چىدامچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى ھېس قىلدىم. ئوت ئۆچۈرۈش مەيدانىدىن يىغىن مەيدانىغىچە، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش بىرىنچى سېپىدىن خەلق ئۈچۈن سۆزلەشكىچە، ئۇنىڭ سالاھىيىتى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەسلىي مەقسىتى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى.
ئۇ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، خەلقنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى سالمىقى بار تەۋسىيەلەرگە ئايلاندۇردى؛ ئۇ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلققە ۋاكالىتەن سۆزلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «خەلق مېنى ۋەكىل قىلىپ سايلىدى، مەن خەلق ئۈچۈن ۋەكىل بولىمەن» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئىزاھلاپ بەردى. لى يۈنفېينىڭ ھېكايىسىدىن مەن ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مۇھەببىتىنى كۆرۈپ يەتتىم، شۇنداقلا دەل ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق تۇرمۇشىغا رىشتە باغلىغان بۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ جەمئىيىتىمىزنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا، تېخىمۇ كۈچكە ئىگە قىلىدىغانلىقىغا تېخىمۇ قەتئىي ئىشەندىم.






