ئەزا گۇەن فاڭفاڭ:
«ھەربىر بالىنىڭ ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن»
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
بۇ يىل ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە 1 - يىللىقتىن 9 - يىللىققىچە تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسى كۈنىگە بىر سائەتكە تەڭشەپ تەسىس قىلىندى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك مەكتەپ ئىچىدىكى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتى ئىككى سائەتتىن كەم بولمايدۇ. قانداق قىلغاندا بالىلارغا بېرىلگەن ئوقۇش باشلاش «چوڭ سوۋغىتى»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان مەركىزىنىڭ مۇدىرى گۇەن فاڭفاڭ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلە.
2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈن، گۇەن فاڭفاڭ ناھىيە بازىرىدىكى چېڭدۇڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. «ھەر كۈنى بىر سائەت تەنتەربىيە دەرسى بار، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشەمدۇ؟ ئىجرا قىلىشتا يەنە قانداق قىيىنچىلىقلار بار؟ قانداق قىلغاندا تەنتەربىيە دەرسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟» ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەھۋالنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.
«ئەمدىلا باشلانغاندا چوقۇم ھەر خىل مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىمىز، مەسىلەن: ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل بولۇش، مەيدان يېتىشمەسلىك قاتارلىقلارنى بىز ئامال قىلىپ ھەل قىلىمىز.» گۇەن فاڭفاڭ ماڭا مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئورتاق خاراكتېردىكى مەسىلىلىرىنى ۋە توپلىغان پىكىر - تەكلىپلەرنى رەتلەپ، تەۋسىيە شەكىللەندۈرۈپ، تەنتەربىيە دەرسى بىلەن «كۈندە ئۇچرىشىش»نى ئاساسىي قاتلامدا تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئويلاۋاتىمەن.
ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان گۇەن فاڭفاڭ باشتىن - ئاخىر بالىلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى، ھەمىشە قۇربىنىڭ يېتىشىچە شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى ۋە كۈچ قوشتى. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىن بۇيان، ئۇ 20 نەچچە پارچە تەكلىپ - تەۋسىيە تاپشۇردى، كۆپىنچىسى ئۇ قىزغىن سۆيىدىغان مائارىپ ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
2018 - يىلى، گۇەن فاڭفاڭ شىنجاڭنىڭ ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھازىر، شىنجاڭدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دېتال، يۇمشاق ماتېرىياللىرى ماس قەدەمدە يۈكسەلدى؛ 2020 - يىلى، ئۇ يېزا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە مەكتەپ دوختۇرلىرىنى تولۇق سەپلەش، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەش توغرىسىدىكى تەكلىپنى تاپشۇردى، شۇ يىلى ناھىيە بويىچە 33 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپكە مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مەكتەپ دوختۇرى سەپلەندى؛ 2024 - يىلى، ئۇ شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، «پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار پىلانى»، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىق بارغانسېرى كۆپ كۈچ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلاندى...
بۇ تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنىڭ ئارقىسىدا، قايتا - قايتا پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار بار. 2024 - يىلى، گۇەن فاڭفاڭ كۆپ مەيدان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى. بۇلتۇر 10 - ئايدا، ئۇ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەركىبىدە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەكتەپ، كارخانا، مەھەللە قاتارلىقلارغا كىرىپ، «مىللەتلەر رايونىدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ئالاقىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم ئۇللۇق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ، تۈرلۈك تەربىيەلەش بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، بولۇپمۇ زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.
گۇەن فاڭفاڭ يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەركىبىدە شەندۇڭ ئۆلكىسى، خەينەن ئۆلكىسىگە بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خىزمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ پونكىتتا تۇرۇشلۇق ئەزالارنى مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. مەكتەپلەرگە كىرىپ ئاشخانىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، بازارغا كىرىپ يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش تەرتىپىنى كۆرۈپ، ئاشخانا خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئاتا - ئانىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىدى.
«ئامما ئېتىبار بېرىدىغان، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار دەل بىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.» گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سالمىقى ئېغىر بىر مەسئۇلىيەت، بۇ مەسئۇلىيەتنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەقەت خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى پائال ئادا قىلسام، ئاندىن بۇ مۇقەددەس بۇرچقا يۈز كېلەلەيمەن. «بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق مەسلىھەت بېرىمەن، ھەربىر بالىنىڭ ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇپ، كەلگۈسىدە يۇرتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
□مۇخبىر خاتىرىسى
پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى گۇەن فاڭفاڭ بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، مەن ئۇنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم. ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىدە، ئۇ باشتىن - ئاخىر يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.
يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، ئۇ دەرھال ھەرقايسى مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. ئۇنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرى پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشتىن يېزىلاردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە مەكتەپ دوختۇرلىرىنى سەپلەشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقىچە، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشقىچە، ھەربىر ئىشتا ئۇنىڭ مائارىپنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چوڭقۇر كۆزىتىشى ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىزاھلىدى، شۇنداقلا بىزگە شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.