تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

مۇھىم ئەسكەرتىش! بۇ ئۈچ خىل كىشى پايپاق كىيىپ ئۇخلىماڭلار

   «ئۇخلىغاندا پايپاق كىيىۋېلىش كېرەكمۇ-يوق؟» دېگەن تېما نۇرغۇن كىشىنىڭ قىزغىن مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ قالدى. قوللىغۇچىلار پايپاق كىيىپ ئۇخلىغاندا بەدەننى ئىسسىق تۇتۇپ، تېخىمۇ تاتلىق ئۇخلىغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ قارشى تۇرغۇچىلار پايپاق كىيىپ ئۇخلىسا، ئۇيقۇغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، ئۇخلىغاندا زادى پايپاق كىيىۋېلىش كېرەكمۇ-يوق؟ زادى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ تاتلىق ئۇخلىغىلى بولىدۇ؟ ئۇيقۇ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؟


     پايپاق كىيىپ ئۇخلىغاندا تېخىمۇ تاتلىق ئۇخلىغىلى بولامدۇ؟

    تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، پايپاق كىيىپ ئۇخلىغاندا ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.

    بىر تەرەپتىن، پايپاق كىيگەندە پۇتنى ئىللىتىپ، سوغۇقتىن كېلىپ چىقىدىغان بىئاراملىقنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.

   يەنە بىر تەرەپتىن، ئادەم بەدىنىمۇ ئۆزىنىڭ كېچە-كۈندۈز رىتىمىغا ئاساسەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدۇ. ئۇخلىغاندا، ئادەمنىڭ يادرولۇق تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، پۇت-قولىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بىرقەدەر تۆۋەن يادرولۇق بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە بىرقەدەر يۇقىرى پۇت-قول تېرىسى تېمپېراتۇرىسى تېز ئۇخلاشقا پايدىلىق ئىكەن. پۇت مۇزلىغاندا ئىسسىقلىق ياخشى تارقىلالمايدۇ، چۈنكى يادرولۇق تېمپېراتۇرا تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن، پايپاق كىيگەندە پۇتىمىز ئىللىپلا قالماي، يەنە پۇت-قول قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، قاننىڭ ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ، تېرە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىلىپ، بەدەننىڭ يادرولۇق تېمپېراتۇرىسى تېخىمۇ تېز تۆۋەنلەپ، تېخىمۇ تېز ئۇخلىيالايمىز.


     پايپاق كىيىش ئۇيقۇسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالامدۇ؟

     ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەر توپى پايپاق كىيىپ ئۇخلىسا تېخىمۇ ياخشىمۇ؟ ناتايىن.

    دەلىل-ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇت ئىسسىتىش ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدىكەن.

   بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى 20 مىنۇت ئىسسىتقاندا ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى ۋە چارچاشنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن.

   يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيقۇسىز كىشىلەر پۇت-قولىنى ئىسسىتقاندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئۇخلايدىكەن.

   ھالبۇكى، يەنە بەزى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياشانغان ئۇيقۇسىزلىق ئاغرىقلىرىدا پۇت ئىسسىغاندىن كېيىنمۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىكەن، يېشى بەلكىم پۇت ئىسسىتىشنىڭ ئۇيقۇغا بولغان تەسىرىدە مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن ئىكەن. 


      بۇ ئۈچ خىل كىشى ئۇخلىغاندا پايپاق كىيىۋالماسلىقى كېرەك

       ئۇخلىغاندا پايپاق كىيىۋېلىش ھەممە ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ.

    پۇت-قولىنىڭ ئۇچى دائىم قىزىيدىغان كىشىلەر توپىغا ماس كەلمەيدۇ. بۇ خىل كىشىلەر توپىنىڭ ئىچى بىر قەدەر ئىسسىق، شۇڭا پايپاق كىيىۋالغاندا، پۇت ئىسسىق تارقىتالماي، بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى ئېغىرلىشىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛

    پۇتى كۆپرەك تەرلەيدىغان ياكى پۇت قىسمى زەخىمگە ئۇچرىغان كىشىلەرمۇ باكتېرىيە پەيدا بولۇپ يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پايپاق كىيىپ ئۇخلىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ؛

    پۇتى ئاسان ئىششىپ قالىدىغان ياكى پۇتىنىڭ سېزىمى نورمالسىزلاشقان دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرىمۇ پايپاق كىيىپ ئۇخلاشقا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پايپاقنىڭ راھەت ياكى راھەت ئەمەسلىكىگە توغرا ھۆكۈم قىلالمايدۇ.


«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.