تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەم «يانچۇقىنى تومپايتىمىز»، ھەم «كاللىسىنى بېيىتىمىز»

ۋەكىل ۋۇ ۋېنشيۇ:

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەم «يانچۇقىنى تومپايتىمىز»، ھەم «كاللىسىنى بېيىتىمىز»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ كەنت كادىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغۇچە، يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغۇچە، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتىش ئىزچىل ۋۇ ۋېنشيۇنىڭ كۆڭلىدىكى مۇھىم ئىش بولۇپ كەلدى.

ۋۇ ۋېنشيۇ جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرىنىڭ ئىجلىن مودۇن كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئۇ: «خەلق مېنى ۋەكىل قىلىپ سايلىدى، مەن خەلق ئۈچۈن ۋەكىل بولىمەن» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى باشتىن - ئاخىر ئېسىدە ساقلاپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئامما ئارىسىدا تۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلىشى، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشى، غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىشى كېرەك.

كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتىشنىڭ ئاچقۇچى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە. ئىجلىن مودۇن كەنتىدە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، كىلىماتى قۇرغاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كېۋەز تېرىش ئىلگىرىدىن تارتىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ كەلگەن، لېكىن تېرىلغۇ يەرلەر تارقاق جايلاشقان بولغاچقا، «ئالىقانچىلىك ئېتىز» «توخۇ كاتىكىچىلىك يەر»لەر كەنتنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بارغانسېرى چەكلەپ قويغانىدى.

«يەرلەر تارقاق جايلاشقان بولغاچقا، ماشىنىدا مەشغۇلات قىلغاندا بەك كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت كېتىدۇ.» ۋۇ ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىغاندىن كېيىن، كەنت يەرلەرنى بىرىكتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كۆلەملىك تېرىش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، ماشىنىدا يىغىشقا يېتەكلىدى. «بىز كېۋەز سورتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ماشىنىدا پاختا يىغىش، كېۋەز تېرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، بىرتۇتاش دورا چېچىپ، ئوغۇتلاپ، كېۋەزنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق، كىرىمىمىزنى ئاشۇردۇق، كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدى.» يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈشتىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنسا، كەنت ئاھالىسى دۇ پېڭبونىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى.

كېۋەز تېرىقچىلىقىدا «تىپ ئۆزگەرتىلگەن»دىن كېيىن، ۋۇ ۋېنشيۇ يەنە كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى.

«مەن زىيارەت جەريانىدا، ماشىنىدا سولياۋ يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋېلىش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ يەر ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ سولياۋ يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋېلىش ئاكتىپلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇزاققىچە داۋاملاشسا، يەر بايلىقى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزىدۇ» دېدى ۋۇ ۋېنشيۇ.

چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ۋۇ ۋېنشيۇ باشلامچىلىق بىلەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش مەشغۇلاتىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى مەشغۇلاتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئېتىزلاردىكى سولياۋ يوپۇق قالدۇقىنى ئازايتىشقا تۈرتكە بولۇپ، سولياۋ يوپۇقنى ئېتىزدىن ئايرىپ يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ تەكلىپ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە پائال بېجىرىشىگە ئېرىشتى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلەر ئاساسىي قاتلامدا كېڭەيتىلدى.

2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللىگەن مەزگىلدە، ۋۇ ۋېنشيۇ شىنجاڭ تيەنخۇي كاڭبەي يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، بۇ شىركەتنىڭ كېۋەز شادىسىنى خام ماتېرىيال قىلىپ يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئالدېھىدسىز ئېكولوگىيەلىك سۈنئىي تاختاي ئىشلەپچىقارغانلىقىنى كۆردى. «بۇ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مېنى كېۋەز شادىسىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش توغرىسىدا يېڭى پىكىر يولىغا ئىگە قىلدى.» ئۇ بۇ ئۇسۇلنى دەرھال جىڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ئېيتتى. «كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، ناھىيەدىكى بىر كارخانا كېۋەز شادىسىدىن پايدىلىنىپ پەتنۇس ياساش ماشىنىسىنى كىرگۈزدى ھەم بۇلتۇر 11 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى.» ۋۇ ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، داۋاملىق چوڭ ئىشنى نەزەردە تۇتۇپ، كىچىك ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىمەن.» بۇ يىلقى كۆزدىن كەچۈرۈش مەزگىلىدە، ئۇ يەنە نەزەر دائىرىسىنى رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە قارىتىپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش داۋامىدا زور نەتىجىلەرنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

ۋۇ ۋېنشيۇ: يېڭى دەۋردە، يېڭى دېھقانلار يانچۇقىنى تومپايتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، مەنىۋى جەھەتتە بېيىشى كېرەك، دېدى. ئۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىنى پائال ئىلتىماس قىلىپ، شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا 1300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت بازىسى قۇردى، ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرى ھەم يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەندى. كەنت ئاھالىلىرى ھەم ئازادە يىغىن زالىدا يىغىن ئېچىپ ئىشلارنى كېڭىشەلەيدۇ، ھەم مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرالايدۇ. كەنتتە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى، تۇغۇت باققۇچىلارنى تەربىيەلەش، قېزىش ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئېچىلدى... ھەر خىل ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرى كەنت ئاھالىلىرىنى بىر ماھارەت ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

«يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھەممىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.» ۋۇ ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى چىن قەلبىمدىن ياخشى قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خەلق ئۈچۈن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويماي، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

■مۇخبىر خاتىرىسى

«ئۈمىد»نى يېزا تۇپرىقىدا قاناتلاندۇرايلى

ئىجلىن مودۇن كەنتىنىڭ ئېتىز باشلىرىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋۇ ۋېنشيۇنىڭ سىيماسى ھەمىشە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشتىن ئېتىزلاردىكى «ئاق بۇلغىنىش»نى تۈزەشكىچە، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن يېزا - كەنت مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشقىچە، ئۇ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئىزاھلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ سەھىپىنى تېخىمۇ مول، تېخىمۇ ۋەزىنلىك قىلىپ تۈجۈپىلەپ يازدى. ۋۇ ۋېنشيۇ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى: «ئورتاق بېيىشتا ئاسان يول يوق، پەقەت لاي - توپىلارنى كېچىپ، ئامما بىلەن قەلبداش بولغاندىلا ئاندىن <ئۈمىد>نى يېزا تۇپرىقىدا قاناتلاندۇرغىلى بولىدۇ.» بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ قەدىمىنى توختاتماي، يۇرتداشلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئېلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش گۈزەل مەنزىرىسى ئۈچۈن داۋاملىق ئەجىر سىڭدۈرمەكتە − چۈنكى، بۇ جايدا تۇپراقنىڭ سوۋغىسى بار، تېخىمۇ مۇھىمى دەۋرنىڭ ساداسى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.