شىنجاڭ گېزىتى، ئالتاي، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرىنى شىنجاڭدا مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىپ تۈرلۈك دوكلاتلارنى قاراپ چىقىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن مۇھىم پايدىلانما ۋە ئەمەلىيەت ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل كۆزدىن كەچۈرۈشكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
ۋەكىللەر ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە شىخەنزە شەھىرىدە مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولدى ھەم ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالتاي ۋىلايىتى، بېيتۈن شەھىرى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تيېمېنگۇەن شەھىرىگە بېرىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىياتى، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.
ۋەكىللەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەركەز شىنجاڭغا يۈكلىگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا قويۇپ پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدى.
ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل ۋە «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يىل، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تەرەققىيات ئېھتىياجى، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە بۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈشتە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، باتۇ قاتارلىقلار كۆزدىن كەچۈرۈشكە قاتناشتى. لى نىڭپىڭ بىرلىكتە كۆزدىن كەچۈردى.
كۆزدىن كەچۈرۈشتىن ئىلگىرى، ۋەكىللەر شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنى كوللېكتىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدا مۇكەممەللىشىپ تەرەققىي قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جانلىق ئەمەلىيىتىنى ئۆگەندى ۋە ئىگىلىدى.