تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتايلى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش داۋامىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 2024 - يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بەردى. مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكىمىزنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان تەدبىر، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان ھەرىكەت ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى كەم - كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ پۇختا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئەۋزەل، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ خاسلىقى روشەن. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، پاختا ھوسۇلىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى بىرقەدەر تېز ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلاپ، دۆلەت ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يەنە شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى سېپىدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ جاپالىق ئەجرىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

بۇ يىل «14 - بەش يىل»دا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، «15 - بەش يىل»نى پىلانلايدىغان مۇھىم بىر يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرىدىغان بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى. بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قەتئىي بوشاشماي مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىش ۋە يېزا ئىستىلى، مەدەنىيلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ پۇختا ئىلگىرىلەش ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى سىنايدۇ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا چاقىرىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇشى، يېزا رايونلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.