تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

توققۇزتارادا گۈل-گىياھلار ئارقىلىق «گۈزەللەشتۈرۈش» پىلانى باشلاندى

​ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىلى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونى توققۇزتارا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى كۆچەتزارلىق بازىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكىدا، گۈل مايسىلىرى ئوبدان ئۆسۈپ، باھار تۈسىگە كىرگەن مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بۇ بازا 4 مىليون تۈپكە يېقىن گۈل مايسىسى يېتىشتۈرۈشنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، بۇ گۈل-گىياھلارنى توققۇزتارا ناھىيە بازىرىنىڭ كوچىلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

(ئىختىيارى مۇخبىرلار مەۋجۈدە، دۇ لىنا)

خىزمەتچى خادىملار گۈل مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. گۈل مايسىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەتچى خادىملار پارنىك ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى ھەمدە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش سىجىللىقىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ ئۆلچىدى.

نۆۋەتتە، پارنىكتىكى 30 نەچچە خىل گۈلنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.