شىنجاڭلىق يىگىت ئالى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا خەۋەر قىلىدۇ: «مۇز دەريادىكى باتۇرغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. دەريا سۈيى قانچە سوغۇق بولسىمۇ، قەلب ئىللىقلىقىنى مۇزلىتالمايدۇ، قارا بوران قانچە شىددەتلىك بولسىمۇ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماسلىقتەك جاسارەتنى توسىيالمايدۇ. ئۇلار رىۋايەتلەردىكى قەھرىمان ئەمەس، لېكىن ئاددىي ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاق ئەجدىھانىڭ سۇنى تىزگىنلىشىدەك مۆجىزىنى ياراتتى.» 2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئالى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تۈرىدە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشىنى ئات مىنىپ باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغان ئېلباي قاتارلىق كىشىلەرگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىلگەندە، مۇكاپاتلاش سۆزىدە ئەنە شۇنداق يېزىلدى.
2 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شيەنتاۋ شەھىرىدە، ئېلباي ئامراق ئېتى «ئاق ئەجدىھا»غا مىنىپ خەنجياڭ دەرياسىغا كىرىپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بىر كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى. بۇ ياخشى ئىش توردا كەڭ تارقالدى، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىگە بۇ باتۇر شىنجاڭلىق قازاق يىگىتنى تونۇتتى.
«ئادەم قۇتقۇزغاندا ھېچنېمىنى ئويلىمىدىم، پەقەت ئادەمنى تېزرەك قۇتقۇزۇشنىلا ئويلىغانىدىم، ھازىر ئويلىسام ئازراق قورقۇش ھېس قىلىمەن، باش باھاردا دەريا سۈيىنىڭ سوغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتەتتى، سۇغا كىرگەندىن كېيىن بەدىنىم توڭلاپ قېتىپ قالدى، ئەينى چاغدا <ئاق ئەجدىھا>نىڭ پۈتۈن بەدىنى سۇغا چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، بېشىلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇ سەل جىددىيلەشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ناھايىتى باتۇرلۇق قىلدى، <ئاق ئەجدىھا> بولمىغان بولسا، بىزمۇ خەتەرگە ئۇچرىغان بولاتتۇق.» 2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى ئېلباي تېلېفوندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئادەم قۇتقۇزۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «ئاق ئەجدىھا» قىزىپ قالدى، بىراق ھازىر قىزىتمىسى ياندى، يەنە تېخى خېلى كۆپ قوناق دېنى ۋە سەۋزە يېدى.
بەش يىل ئىلگىرى، ئېلباي دوستىغا ياردەملىشىپ شىنجاڭدىن سېتىۋېلىنغان بىر تۈركۈم كالىنى خۇبېيدا بېقىشقا ئاپىرىپ بەردى، بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ كالىلىرىنىڭ شۇ جاينىڭ مۇھىتىغا تېزرەك ماسلىشىشى ئۈچۈن، دوستى ئۇنى كالىلارنى بىر مەزگىل ياردەملىشىپ بېقىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئېلباي خۇبېيدا بىر ئايدىن كۆپرەك تۇرۇپ قالدى، بۇ مەزگىلدە ئۇ شۇ جايدا قېلىپ تەرەققىي قىلىشنى قارار قىلدى.
ئېلباي شۇ جايدىكى باقمىچىلىق مەيدانى بىلەن ھەمكارلىشىپ كالا، قوي باقتى ھەم شىنجاڭ كالا، قوي گۆشىنى ساتتى، كېيىن ئۇ يەنە ئات بېقىشقا باشلىدى. «ئاق ئەجدىھا»نى ئۇ 2024 ـ يىلى 9 ـ ئايدا يېڭىلا سېتىۋالغانىدى.
«ئەينى چاغدا، پۈتۈن بەدىنى قاردەك ئاق بۇ ئاتنى بىر قاراپلا ياقتۇرۇپ قالدىم ھەم ئۇنىڭغا <ئاق ئەجدىھا> دەپ ئىسىم قويدۇم.» «ئاق ئەجدىھا» ئىنتايىن شاش ئات بولۇپ، ئىلگىرى بۇ ئاتنى ھېچكىم مىنەلمىگەنىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا ئۇ ئېغىر تېرە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاچقا، ئەسلىي ئىگىسى ئۇنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەپتىكەن، دېدى ئېلباي. ئېلباينىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ «ئاق ئەجدىھا» بىلەن ئۇچرىشىشى بىر خىل رىشتە بولۇپ، ئۇ «ئاق ئەجدىھا»نى تاللاپلا قالماي، «ئاق ئەجدىھا»مۇ ئۇنى تاللىغانىدى، ئۇ «ئاق ئەجدىھا» بىلەن تۇنجى ئۇچرىشىپلا، ئۇنى سىناپ مىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانىدى. ئۇنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئېلباي يەنە ئۆزى دورا تەڭشەپ بىر ھەپتە كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلدى، «ئاق ئەجدىھا»نىڭ تېرە كېسەللىكى سەللىمازا ساقايدى، كېيىن ئۇ «ئاق ئەجدىھا»غا سۇ ئۈزۈشنى مەشىق قىلدۇردى.
«ئاق ئەجدىھا» ئادەم قۇتقۇزۇش سەۋەبلىك ئاغرىپ قالدى، نۇرغۇن كىشى بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەنسىرىدى. «بۇ بىرنەچچە كۈندە مەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدىم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنى ۋە <ئاق ئەجدىھا>نى قەھرىمان دېدى، يەنە قىزغىن مال دوختۇرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن <ئاق ئەجدىھا>نى داۋالىغىلى كەلدى، بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم ھەم ناھايىتى ئىلھام ئالدىم» دېدى ئېلباي.
ئەينى چاغدا ئادەم قۇتقۇزغانلاردىن يەنە ئېلباينىڭ دوستى سۇ شاۋگاۋ بىلەن قىشلىق سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارى ليۇ خاڭجوۋ بار ئىدى.
2 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى سائەت 14 ئەتراپىدا، شيەنتاۋ شەھىرى خەنجياڭ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىگە يېقىن يەردە، بىر قىزنىڭ قۇتقۇزۇڭلار دېگەن ئاۋازى سۇ شاۋگاۋنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ، يىراقتىكى دەريادا بىر ئەرنىڭ سۇدا تېپچەكلەۋاتقانلىقىنى بايقىدى، قىرغاقتىكى قىز (سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ قىزى) جىددىيلەشكىنىدىن ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دەرياغا كېچىپ كىرگەنىدى، سۇ شاۋگاۋ دەرھال دەريا بويىغا بېرىپ، قىزنى تارتىپ قىرغاققا چىقىرىۋالدى ھەم دەريا ساھىلىدا ئات يايلىتىۋاتقان ئېلباينى ئادەم قۇتقۇزۇشقا ياردەملىشىشكە چاقىردى.
ئېلباي شۇ چاغدا «ئاق ئەجدىھا»غا تۆشباغ باغلاۋاتاتتى. ئەسلىدە ئىككى تال تۆشباغ باغلاش كېرەك ئىدى، سۇ شاۋگاۋنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، پەقەت بىر تالنىلا باغلاپ، ئۆرۈلۈپلا ئاتقا مىنگىنىچە ئېتىلىپ باردى. يەنە دەل شۇ ۋاقىتتا ليۇ خاڭجوۋمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشىگە قاراپ ئۈزدى.
«ئاق ئەجدىھا» قىرغاققا چېپىپ بارغاندىن كېيىن، توختاپ قېلىپ سۇغا چۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى. ئەينى چاغدا، سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ بېشىمۇ سۇغا چۆكۈپ بولغانىدى، ئېلباي دەرھال پۇتى بىلەن ئاتنىڭ قورسىقىنى چىڭ قىسىپ، «ئاق ئەجدىھا»غا ئالدىغا مېڭىپ سۇغا چۈشۈش بۇيرۇقى بەردى.
«ئاق ئەجدىھا» سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ يېنىغا ئۈزۈپ بارغاندا، ئېلباي سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ بېغىشىدىن تېز سۈرئەتتە تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى قىرغاققا تارتىپ ماڭدى. «ئاق ئەجدىھا» ماغدۇردىن كەتتىمۇ ياكى دەريا سۈيى بەك چوڭقۇر بولغاچقىمۇ، ئاتنىڭ تۇيىقى دەريا تېگىگە تەگمەي قالدى، «ئاق ئەجدىھا» سۇدا ئۈزۈشكە مەجبۇر بولغاچقا، ئېلباينىڭ ئات ئۈستىدە تۇرۇپ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىغا، يەنە قۇتقۇزۇۋالغان كىشىنى تارتىپ مېڭىشىغا توغرا كېلىپ، ئىلگىرىلەش ناھايىتى تەسكە چۈشتى، بەختكە يارىشا ليۇ خاڭجوۋ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۈزۈپ كېلىپ، ئىككىيلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، بىرەيلەن ئاتقا مىنىپ تارتتى، يەنە بىرەيلەن كەينىدىن ئۈزۈپ ئىتتىرىپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنى بىرلىكتە قۇتقۇزۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىقتى.
ئالى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تۈرىدە ئۈچ كىشىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلدى. ئېلباي مۇخبىرغا: مۇكاپات پۇلىنىڭ ھەممىسىنى پاراۋانلىق ئورنىغا ئىئانە قىلماقچى بولۇۋاتىمىز، دېدى.
«خۇبېيغا كەلگىنىمگە بەش يىل بولدى، نۇرغۇن كىشى ماڭا ياردەم قىلغانىدى، بۇ قېتىم جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن مەنمۇ بەك خۇشال بولدۇم.» ئېلباي مۇنداق دېدى: ئەگەر زۆرۈر بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەنە داۋاملىق ياردەم بېرىمەن.