مەنبە: خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
يېقىندا، لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى ئاياغ شاخلىق كەنتىدىكى بىر ئەتلەس توقۇمىچىلىق سېخىدا، بۇ توقۇمىچىلىق سېخىنىڭ مەسئۇل نۇرگۈل تۇرسۇنتوختى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى بىلەن بىرگە مەشۇت يىپنى توقۇش ماشىنىسىغا مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى، رەڭدار، نۇسخىسى چىرايلىق ئەتلەسلەر تەدرىجى يېيىلىپ، نەق مەيداندا ئالدىراش ھەم تەرتىپلىك بولغان ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى. 2024-يىلىنىڭ بېشىدا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يۆلىشىدە، نۇرگۈل كەنتتە «مېيگەن» ئەتلەس توقۇمىچىلىق سېخى ۋە كۆرگەزمە زالى قۇرۇپ، توقۇش ماشىنىسى ۋە رەخت بوياش ئۈسكۈنىسى كىرگۈزۈپ، قولدا توقۇشنى ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر توقۇمىچىلىق سېخىنىڭ سودىسى روناق تېپىپ، ئايلىق سېتىش سوممىسى 80 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى