«مەن ئۆرۈك چېچىكىنى ئىزچىل ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن قىش پەسلىدە ئۆرۈك چېچىكىنى كۆرەلەيمەن دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، بۇ قېتىم دېھقانلار ئارامگاھىغا كېلىپ ھەقىقەتەن توغرا قىپتىمەن، دېھقانلارنىڭ مەززىلىك قورۇمىلىرىغا ئېغىز تېگىپلا قالماي، يەنە مۇشۇنداق گۈزەل ئۆرۈك چېچىكىدىن ھۇزۇر ئالدىم، بۇ ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ!» دېدى ساياھەتچى ئىلمىنۇر مەمتىمىن.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، قاراقاش ناھىيەسىدىكى كىچىك سەنيا دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ پارنىكىدا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان باھار مەنزىرىسى نامايان بولدى − ئۆرۈك دەرىخى قىش پەسلىدە چېچەكلەپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.


پارنىكقا كىرگىنىڭىزدە، ئىچى ئىللىقلىققا تولغان بولۇپ، سۇس چىچەك ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. كۆز ئالدىڭىزدىكى قويۇق چېچەككە پۈركەلگەن ئۆرۈك دەرەخلىرى ھال رەڭ، ئاق رەڭدە بولۇپ بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يۆگىمە رەسىم شەكىللەندۈرگەنىدى. ساياھەتچىلەر بۇ ئۆزگىچە مەنزىرىدىن ھەيران بولۇپ بەس-بەستە يان تېلېفونى ياكى فوتو ئاپپاراتىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى.

ساياھەتچى ئايشەم ئەكبەر: «ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم، 1-ئايدا ئۆرۈك چېچىكىنى كۆرەلەيمەن دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن!» دېدى، يەنە بىر ساياھەتچى تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ: «بۇ خىل ھىسسىيات خۇددى باھار پەسلىدە تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ، كىشىنى خۇشال قىلىدىكەن» دېدى.



كىچىك سەنيا دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى نۇرمەمەت ئاۋۇتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پارنىكتىكى بۇ ئۆرۈك دەرەخلىرىگە ئىلغار ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، پارنىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئۆرۈك دەرەخلىرى قەھرىتان قىش پەسلىدە مۇددەتتىن بۇرۇن چېچەكلەيدىكەن. بۇ تەدبىر ساياھەتچىلەرنى گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلەپ قالماي، يەنە دېھقانلار ئارامگاھىغا كۆرۈنەرلىك كىرىم ئېلىپ كەلگەن.

پارنىكتىكى ئۆرۈك دەرەخلىرىنىڭ چېچەكلىشى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. بىز قەھرىتان قىش پەسلىدە، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ پارنىكىغا بىللە بېرىپ، بۇ يەردىكى مەنزىرىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە گۈزەللىكىنى بىرلىكتە ھېس قىلايلى.