2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ھاۋارايى ئۆزگىرىشىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۈمە كۈنى بوران چىقىدىكەن.
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لىرىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولىدىكەن. ئاساسلىق شەھەر رايونىدا 2-ئاينىڭ 4-كۈنى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 16 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن توققۇز سېلسىيە گىرادۇسقىچە، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى نۆلدىن تۆۋەن 17 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 12 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى نۆلدىن تۆۋەن 18 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، خېلى سوغۇق بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونى ۋە گەنچۈەنپۇدا ئارىلاپ تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
جۈمە كۈنىدىكى ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، شەھەر رايونىدىكى قىسمەن جايلاردا كۆرۈنەرلىك ھاۋارايى ئۆزگىرىشى بولۇپ، شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدىكەن. شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن جايلار، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن سەيۋوپۇغىچە بولغان جايلار، شىسەندىن باگاڭغىچە بولغان جايلاردا 5-4 بال شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى شامال 6-7 بال بولىدىكەن، ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچىگىچە بولغان رايونلاردا ئۆتكۈنچى شامال توققۇز بال ئەتراپىدا بولىدىكەن.
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئالاقىدار رايونلاردىكى ئاھالىلەر سىرتقا ئىمكانقەدەر ئاز چىقىشى، سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە ئىشىك-دېرىزىلەرنى ياخشى تاقاپ، بالكوندىكى نەرسىلەرنى ياخشى يىغىشتۇرۇشى، ئېلان تاختىسى، دەل-دەرەخ قاتارلىق ئاسان ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇمانلىق كۈنلەردە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، تۇمان چىرىغىنى ياندۇرۇش، ئاپتوموبىل ئارىلىقىنى چوڭ ساقلاش كېرەك؛ پىيادىلەر ئاپتوموبىللارغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ياشانغانلار، بالىلار ۋە نەپەس يولى سەزگۈر كىشىلەر ئامال بار سىرتقا ئاز چىقىشى، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىشى كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى