2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا، يولۇچىلار ۋوگزالدىن تەرتىپلىك چىقماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى، خەۋىرى) 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، 2025-يىللىق باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى باھار بايرىمىدىن كېيىنكى قايتىش سەپىرىدىكى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. تۆمۈريول تارماقلىرى داۋاملىق يۇقىرى يۈرۈشۈش ھالىتىنى ساقلاپ، توشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، تەڭشەش، ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۈرۈمچىگە قايتقان يولۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قايتىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەرلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى باستى.


2-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىخەنزە ۋوگزالىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدا يولۇچىلار پويىز كۈتمەكتە.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىخەنزە ۋوگزالىدىكى يولۇچىلار پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىشقا تەييارلانماقتا.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، بورتالادىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان C862 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ۋوگزالغا كىردى، يولۇچىلار ۋوگزالىدىن تەرتىپلىك چىقتى.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، بورتالادىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان C862 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ۋوگزالغا كىردى، يولۇچىلار ۋوگزالىدىن تەرتىپلىك چىقتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى