تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز 7 مىليون 942 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.04 ئاشتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ) يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرى قىزىپ كەتتى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە 
ئاپتونوم رايون بويىچە 7 مىليون 942 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.04 ئاشقان؛ ساياھەتچىلەر چىقىم قىلغان خىراجەت 8 مىليارد 75 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.35 ئاشقان.

     كۇچا شەھىرى نەنخۇ باغچىسىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۆمۈر ئۇچقۇنى چىقىرىش ئويۇنى قويۇلماقتا. جوۋ پېيلەن فوتوسى

    دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى باھار بايرىمىدا، كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مول، رەڭدار باھار بايرىمىلىق ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، باھار بايرىمىلىق كەيپىياتنى ھېس قىلىپ، مول، كۆپ خىل مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇق بايرام تۈسىنى قوشتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.