تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يىغىندى قارلارنى تازىلاپ، بايرام مەزگىلىدە شەھەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردۇق، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىسىدىن پەخىرلىنىمىز»، دېدى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى غۇلجا شەھىرى يىمېي مۇھىت تازىلىقى مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تازىلىق ئىشچىسى شىرزات تۇداخۇن بىر تەرەپتىن قار تازىلىغاچ بىر تەرەپتىن كۈلۈپ تۇرۇپ.
شۇ كۈنى، غۇلجا شەھىرىدىكى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، تېز يەتكۈزگۈچىلەر، قاتناش ساقچىلىرى، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار، كىنوخانىدىكى بېلەت ساتقۇچىلار ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى.
باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن بۇيان، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئىش توختىتىشقا بولمايدىغان بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، قۇرۇلۇش تۈرلىرى، مۇھىم تارماقلاردا كىشىلەر ئىزچىل ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇش بەدىلىگە ھەممە ئائىلىلەرنى جەم قىلدى ۋە قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىغا چۆمدۈردى.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، غۇلجا شەھىرى يىمېي مۇھىت تازىلىقى مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تازىلىق ئىشچىلىرى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئازادلىق يولىدىكى يىغىندى قارلارنى تازىلىماقتا.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، قاتناش ساقچىسى غۇلجا شەھىرى ئازادلىق يولى شىداچياۋ تۆت كوچا ئېغىزىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامانلىق ساقلىغۇچى غۇلجا شەھىرى ستالىن يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدىكى مۇز تۇتقان يول يۈزىنى تازىلىماقتا.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى ۋە تېز يەتكۈزگۈچى غۇلجا شەھىرى ئازادلىق يولى شىداچياۋ تۆت كوچا ئېغىزىدا يېشىل چىراغنى ساقلىماقتا.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، تېز يەتكۈزگۈچى غۇلجا شەھىرى ستالىن يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايونغا تېز يوللانما يەتكۈزمەكتە.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، غۇلجا شەھىرى دۇڭفاڭ خاۋلەيۋۇ كىنو شەھەرچىسىدىكى بېلەت ساتقۇچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا ياردەملەشمەكتە.






