يېڭى بىر يىلدا، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالاقە كۆۋرۈكى سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە تور سىرتىدا 86 مەيدان خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشنى پىلانلىدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنلىرى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى نۇرغۇن كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەت كەسپىدىن تارتىپ يېڭىدىن گۈللەنگەن ئۇچۇر تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەرگىچە ھەممىسى خادىىم قوبۇل قىلىش يىغىنىدا ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدىكەن. مەيلى مول تەجرىبىگە ئىگە كەسپىي خادىملار بولسۇن ياكى ئەمدىلا مەكتەپ قوينىدىن چىققان ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، ھەممىسى بۇ يەردە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات پۇرسىتىنى تاپالايدۇ.
كارخانا تەمىنلىگەن ئىش ئورنىنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، باشقۇرۇش ئىش ئورنى، تېخنىكا ئىش ئورنى، سېتىش ئىش ئورنى، خېرىدارلار مۇلازىمىتى ئىش ئورنى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
ئەگەر سىز يېڭى خىزمەت پۇرسىتى ئىزدەۋاتقان بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنىنىڭ كونكرېت ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىپ، خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان كارخانىلار ۋە ئىش ئورنى ئېھتىياجىنى ئالدىن ئىگىلەڭ.

(چېكىپ چوڭ سۈرەتنى كۆرۈڭ)

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى