2-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، غۇلجا شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ئىلى دەرياسى بويىدا پانۇس سەيلىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا؛ باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، 39-نۆۋەتلىك جۇڭگو . چىنخۇەي پانۇس سەيلىسى ۋە 2-نۆۋەتلىك ئىلى دەرياسى پانۇس سەيلىسى ھەر كۈنى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى كېلىپ پانۇس سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
يىسى يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمىدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالى باھار بايرىمىلىق تۈسكە تولدى.
ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە خۇشال جەم بولۇپ، بەنشىر تۈگۈپ، چۇنليەن چاپلاپ، پانۇس تاماشاسى قىلىپ، قار-مۇزدا ئويناپ، جەم بولۇش پەيتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، گۈزەل باھار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ساليوت كۆرگەزمىسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن تەنتەنە قىلغان ئاۋازلىرىغا ئەگىشىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر مەيدان ساليوت كۆزگەزمىسى كورلا شەھىرى خۇڭيەن مەيدانىنىڭ كېچە ئاسمىنىدا چاقنىدى.
چۆ . خۇرە فوتوسى
كوچا ئويۇنى ئويناپ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش

1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ھەر مىللەت ئامما كوچا ئويۇنى ئوينىماقتا. شۇ كۈنى، لوپ ناھىيەسىدە «يىلان يىلىدا باھار بايرىمى تەبرىكلەندى كوچا ئويۇنى ئويناپ ھەممە بەختكە چۆمدى» تېمىسىدىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن ناھىيەدىن كەلگەن 28 كوچا ئويۇنى ئورۇنلاش ئەترىتى بىر مەيدان ئېسىل كوچا ئويۇنى ئورۇنلىدى.
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى
باھار بايرىمىدىكى شادلىق ساياھىتى
1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا تۆگىگە مىنىپ سەيلە-ساياھەت قىلماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى قار-مۇز مەنزىرىسى ساياھىتى، قار-مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ساياھىتى، باھار بايرىمىدىكى شادلىق ساياھىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ قار-مۇزنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىن خۇشال-خۇرام بەھرىلىنىشكە جەلپ قىلدى.
نيەن لېي فوتوسى
كەچكى شەپەق يىغىلىشى

1-ئاينىڭ 31-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئالتاي شەھىرىنىڭ جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا «كەچكى شەپەق يىغىلىشى»غا قاتنىشىپ، بايرامنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزمەكتە.
ئارداق بېيىسقان فوتوسى
قار-مۇز خۇشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىش

1-ئاينىڭ 31-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانى قار-مۇز شادلىق باغچىسىدا قارلىق دالا ۋېلىسىپىتى تۈرىنى ھېس قىلماقتا. بۇ قار-مۇز شادلىق باغچىسى ئۆزگىچە قار-مۇز مەنزىرىسى ۋە مول مەزمۇنلۇق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بىلەن نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.
سۈن جېنسۇڭ فوتوسى
قار كېچىپ چارلاش ئېلىپ بېرىش

1-ئاينىڭ 29-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى چېگرا تېشىدىكى خەتنى قىزىل بويىماقتا. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى چېگرا بىرىنچى سېپىنى چىڭ ساقلاۋاتقان شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى سانجى چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى داخۇاڭ شۈيچۈەن چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى چېگرانى چارلاپ تەكشۈرۈپ، ھەممە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدىدى.
خې لۇڭ فوتوسى
«كۆرۈنۈشتىكى شىنجاڭ» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى