□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي
1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھەمكارلىق مەركىزى» دېيىلىدۇ)نىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى. بۇ يەرگە 1000دىن ئارتۇق سودىگەر ماكانلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە باج كەچۈرۈم قىلىنغان 200دىن ئارتۇق سودىگەر بار بولۇپ، مال جازىلىرىغا ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 1000 خىلغا يېقىن تاۋار لىق تىزىلغانىدى.
قازاقىستاننىڭ ئۇنى، رۇسىيەنىڭ كەمپۈتى، گىرۇزىيەنىڭ قىزىل ھارىقى قاتارلىق تاۋارلار جۇڭگو تەرەپ ساياھەتچىلىرى ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان «چەت ئەل باھار بايرىمىلىق ماللىرى» بولۇپ قالدى.
«بۇ يەردىكى <چەت ئەل باھار بايرىمىلىق ماللىرى>نىڭ تۈرى مول، باھاسىمۇ ئەرزان. ئازراق سېتىۋېلىپ ئېلىپ كېتىپ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنى كۈتسەم، چوقۇم ناھايىتى قارشى ئېلىنىدۇ» دېدى باھار بايرىمىلىق مال تاللاۋاتقان شۇ جايدىكى ئاھالە ليۇ جياڭ.
«بۇ يەردە بازار ئايلانسىڭىز خۇددى چەت ئەلگە چىققاندەك بولىسىز. مەن جۇڭگو - قازاقىستان تۇتاشقان يولدا سۈرەتكە چۈشتۈم، يەنە بىرنەچچە يۈرۈش تېرە ئاسراش بۇيۇمى ۋە بەزى ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنى سېتىۋالدىم.» گەنسۇلۇق ساياھەتچى جاڭ شياۋتىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەن بولۇپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان ياخشى نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئۇ مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى.
نۇرغۇن ساياھەتچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەمكارلىق مەركىزىگە كېلىپ مال سېتىۋېلىش بىر مەيدان مال سېتىۋېلىش سەپىرى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر قېتىملىق ئۆزگىچە «چەت ئەلگە چىقىش» تەسىراتىغا ئوخشايدۇ. پاسپورت، چېگرادىن كىرىش - چىقىش يول خېتى قاتارلىق ئىناۋەتلىك گۇۋاھنامىلەر ئارقىلىق، جۇڭگو تەرەپ ساياھەتچىلىرى ھەمكارلىق مەركىزىگە ئەركىن كىرىپ - چىقالايدۇ، ھەربىر ئادەم بىر كۈندە بىر قېتىمدا 8000 يۈەن قىممىتىدە باج كەچۈرۈم قىلىنغان مال سېتىۋالسا بولىدۇ.
يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى تاموژنىسى باھار بايرىمىلىق ئادەم ئېقىمى ئەھۋالىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، «تاقاشتۇرماي تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، كېچىكتۈرۈپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويدى، يەنە تاۋار تولۇقلاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مول، كۆپ خىل «چەت ئەل باھار بايرىمىلىق ماللىرى»نى ۋاقتىدا مال جازىسىغا تىزىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى تاموژنا تەكشۈرۈش 2 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ما شياۋلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ساياھەتچىلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئازادە، قولايلىق بولغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەسىراتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، تاموژنىمىز ئالدى بۆلەكتىكى يول ئارقىلىق يېتەكلەش + ئەقلىي ئىقتىدارلىق چازا ئارقىلىق خادىملارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، رايون ئىچىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە ساياھەتچىلەرنى «يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي رايونغا كىرگۈزۈش»نى يولغا قويدى، يەنە «مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت ئورنى» ۋە «يېشىل يول» تەسىس قىلىپ، بالىلار، ئالاھىدە ساياھەتچىلەرنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىقىش ئېغىزىدا توسالغۇسىز يولنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش تەسىرات تۇيغۇسىنى ئۆستۈردى.
ھەمكارلىق مەركىزىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىسكىلاتىدا، باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە تاۋارلارنى كىشىلەر كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمەي قالدى، خىزمەتچى خادىملار مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ماللارنى ئايرىپ، ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن، بۇ تاۋارلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىدۇ.
ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن يەرشارىدا باھار بايرىمىغا ئالاقىدار تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئاشتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىمۇ سېتىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى.
يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە، قورغاس چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسىدىكى چۇنليەن، جۇڭگو تۈگۈچى، مۈچەل ئويۇنچۇق قاتارلىق ئەنئەنىۋى باھار بايرىمىلىق زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %110.3 ئاشتى، جۇڭگو ئامىلى قوشۇلغان كىيىم - كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار مەملىكەت سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
شىنجاڭ سەنشۈنتۇڭ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ دۇڭچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى مەزگىلدە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى ئېكسپورت پوسۇلكا مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئېكسپورت ماللىرى بويىچە قايتۇرۇلغان ماللارنى رايونغا كىرگۈزۈش كەسپىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، بارلىق مال قايتۇرۇش ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى باجدىن خالىي رايون ئىچىدە تاماملىغىلى بولىدىغان بولدى، بۇ، پوسۇلكىنىڭ ئوبوروت سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى. نۆۋەتتە، شىركىتىمىز 3 - تۈركۈمدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە قايتۇرۇلغان مال، پوسۇلكىلارنى قايتۇرۇشنى تاماملاپ بولدى.
قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى ياڭ يۈەن مۇنداق بىلدۈردى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتى ھەمدە ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلىمىز. ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك «چەت ئەل باھار بايرىمىلىق ماللىرى»نىڭ جۇڭگو ئىستېمال بازىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى ئىستېمالچىلارنى جۇڭگونىڭ باھار بايرىمىدىكى شادلىق كەيپىياتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.