ئارشاڭ ناھىيەسى
«مەن <دوكتور>لۇق ئۇنۋانىمغا تايىنىپ گازىر ساتمايمەن»
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن
«مېنىڭ <دوكتور>لۇق ئۇنۋانىمغا تايىنىپ گازىر ساتقۇم يوق!»... بۇ بىرنەچچە كۈندە، كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى ئاخىرلاشتۇرغان ليۇ شەن «دوكتور»لۇق ئۇنۋانىغا تايىنىپ توردا گازىر سېتىش ئىشى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئىنىسى بىلەن تەگىشىپ قالدى. ئاخىرىدا، ليۇ شەن قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.
ليۇ شەن 30 ياشتا بولۇپ، موسكۋا دۆلەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنى خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى. 2024 - يىلى، ئۇ ئوقۇش تەۋەلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۇسۇلى بىلەن، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ تاشيۇ يېزىسى خۇتخۇر بۇلاق كەنتىگە قايتىپ كېلىپ، ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ گازىر ساتتى.
ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمەت خاتىرىسىگە قارىغاندا، ئەتىگەندە يىغىن ئېچىپ، چۈشتە مال چىقىرىپ، چۈشتىن كېيىن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەپ، كەچتە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ھەربىر ۋاقىت بۆلىكى ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
«كۈندۈزى بىر كۈن ئالدىراش يۈرسەممۇ، ئەتىسى يەنە جەزمەن سەھەر تۇرمىسام بولمايدۇ.» ليۇ شەن بەك تېز سۆزلەيدىغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن مۇخبىر بىلەن پاراڭلاشسا، بىر تەرەپتىن ئىنىسىگە ئۈسكۈنىلەرگە ياخشى قاراپ تۇرۇشنى تاپىلىدى، ئاپىسىنى ئۆيگە قايتىپ ئارام ئېلىشقا بۇيرۇدى، دادىسىغا بالدۇرراق ئۆيگە قايتىشنى ئەسكەرتتى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقىنى كەچتە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇردى، ئارىلىقتا يەنە ئالدىنقى كۈندىكى خىزمەت نەتىجىسىنى تېز تەكشۈرۈپ كۆردى.
بۇنداق خاراكتېر ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا كىچىكىدىن قويۇپ قويغان «ئەلاچى ئوقۇغۇچى» دېگەن نامغا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ «تۈرگۈن قىز» دەپ ئاتىشىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
«ياسى ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى توققۇز نومۇر، مەن رۇسىيەدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقاندا ئىمتىھاندا يەتتە نومۇر ئالدىم، يەنە 60 مىڭ يۈەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتىم.» ليۇ شەن مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئالغا بېسىشىم ئاتا - ئانامنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان − ئۇلار ئىشنى كىچىك دۇكان ئېچىشتىن باشلاپ، ئۇنى 2000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاشخانىغا تەرەققىي قىلدۇردى، ئەڭ ياخشى بولغان يىلى 9 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.
2018 - يىلى، ليۇ شەننىڭ ئاتا - ئانىسى 17 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتتە شىركەت قۇرۇپ، گازىر سېتىشقا باشلىدى. 2023 - يىلى، ئاتا - ئانىسى يەنە 8 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» شەكلى ئارقىلىق، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ 50 مىڭ مو يەردە ئاپتاپپەرەس تېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.
2024 - يىلى 9 - ئايدا، ليۇ شەن دوكتور ئاسپىرانتلىققا ئۆتتى. ئويلىمىغان يەردىن ئاپىسىنىڭ تۇيۇقسىز مېڭە تىقىلمىسى قوزغىلىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالدى. ئىككى ئايدىن كېيىن، ئۇ ئوقۇشتىن توختاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئاتا - ئانىسىنىڭ شىركەتنى باشقۇرۇشىغا ياردەملەشتى.
ھازىر، دادىسى قىزىنىڭ ھەر كۈنى گازىر ئەتراپىدىن كېتەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى غەش بولدى. ئاپىسىمۇ كۆڭلىدە ئوخشاشلا بىئارام بولۇپ، كۈندە ئوغلىغا ئۆزىنى يۆلىتىپ زاۋۇتقا بېرىپ كۆرۈپ كېلىدىغان بولدى.
تىجارەت ياخشى بولۇۋېتىپتۇ. ليۇ شەن كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ يېڭى سورت يېتىشتۈرۈپ، يېڭى تەمنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، نەپىس كىچىك ئورالمىلارنى بازارغا سالدى. شىركەتنىڭ گازىر مەھسۇلاتلىرى قازاقىستان، قىرغىزىستانغا ئېكسپورت قىلىندى. ئارقىدىنلا، يەنە 100 نەپەر ۋاڭخۇڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى قانات يايدۇردى، يەنە جىڭدۇڭ، دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق سۇپىلار بىلەن توختام ئىمزالىدى.
ئالىي مەكتەپتىن سودا مەيدانىغىچە، ليۇ شەن سالاھىيىتىنى ئالماشتۇرۇپ، يېڭى نىشانلىرىنى بىر - بىرلەپ ئىشقا ئاشۇردى:
2025 - يىلى يېڭى يىل كېچىسى، ئۇ شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى 50تىن ئارتۇق تور رىياسەتچىسى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ئاچقان تۆت خىل مەھسۇلاتنى بازارغا سالدى؛
1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، خاڭجوۋغا بېرىپ شىنجاڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شۇ كۈنى 400 مىڭ يۈەنلىك مەھسۇلات ساتتى؛
1 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى، توردا ۋە تور سىرتىدىكى سېتىش سوممىسى 1 مىليون يۈەنگە يەتتى؛
1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئىلغار گازىر قورۇش ئۈسكۈنىسىنى ئالماشتۇردى؛
1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئۈرۈمچىدە بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئېچىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى ئۆتەڭ ئىسكىلاتى قۇرۇپ، مال تەڭشەش - تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى...
مۇخبىر ليۇ شەننىڭ كەنتتە قۇرغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش بازىسى ۋە «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» بىۋاسىتە كۆرسىتىش بويىچە تەربىيەلەش بازىسىدا ھەر كۈنى ئۆگىنىشكە كېلىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى كۆردى.
62 ياشلىق كەنت ئاھالىسى لەن چاڭلىڭ بىر ئۆمۈر يەر تېرىغان بولۇپ، ئىلگىرى پەقەت سودىگەرلەرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ گازىر يىغىشىنى كۈتەتتى. ھازىر ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزاسى، يەنە مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش رىياسەتچىسى بولۇپ، گازىر سېتىپ ئايدا 7000 - 8000 يۈەن كىرىم قىلىدۇ.
كەنت ئاھالىسى خەن فاڭ بىلەن ئېرى ليۇ لىبىڭ ئەسلىدە قوناق تېرىيتتى، ھازىر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى ۋە سېخ مۇدىرى بولدى. بۇ يىل ئۆزىنىڭ ئېتىزىدا يېڭى سورت − سۆسۈن رەڭلىك مايا گازىرى تېرىشنى پىلانلىدى.
ليۇ شەن مۇنداق دېدى: ئارشاڭ ناھىيەسى ئالاتاۋ پورتىغا يېقىن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، مەن نۇرغۇن سودا پۇرسىتىنى بايقىدىم.
بەزى رىياسەتچىلەر ليۇ شەنگە دوكتورلۇق سالاھىيىتى بىلەن مال تونۇشتۇرۇپ سېتىپ ئېقىم مىقدارىنى يېتەكلەش تەكلىپىنى بەردى. ئىنىسىمۇ بۇ ئارقىلىق قىزغىنلىقنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن ليۇ شەن كۆڭلىنى توختىتىپ، «دوكتور»لۇق ئۇنۋانىغا تايىنىپ ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرماي، سۈپەتكە تايىنىپ مەھسۇلاتىنى تونۇتۇشنى ئويلىدى.
ليۇ شەن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنى يەنە داۋاملىق زورايتىمىز، مەن كەسپىي دىرېكتورلارنى كىرگۈزۈپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تەربىيەلەپ، يېڭىچە دېھقانلارنى ئىتتىپاققا كىرىپ ھەمكارلىشىشقا قوبۇل قىلىشنى پىلانلاۋاتىمەن. مېنىڭ كېيىنكى نىشانىم ياۋروپا قاتارلىق دۆلەت سىرتىدىكى بازارلارنى ئېچىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە شىنجاڭ گازىرىنى تېتىپ بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش.