تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېز يوللانما كەنتلەرگە كىردى، باھار بايرىمىلىق ماللار ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

«غىچ −» 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سائەت 12دە، ئىشىك سىرتىدىكى تورمۇز ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ تاللا بازىرىدا پۇل يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان ئەكبەر ئەمەت دېرىزە سىرتىغا قارىدى، مارالبېشى ناھىيەسى ئاقساقمارال يېزىسىدىن تۇزلۇققاش كەنتىگە بارىدىغان تېز يوللانما ئاپتوموبىلى قەرەلىدە يېتىپ كېلىپ، تاللا بازىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىغانىدى.

«ئالدىراش ئوخشىمامسىز، بۈگۈن كەنتىڭلارنىڭ 38 تېز يوللانمىسى بار، بۇ يەرگە چۈشۈرۈپ قوياي.» جىتۇنىڭ قىزىل رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيگەن تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ئابدۇخالىق ئىشىكتىن كىرىپلا ئەكبەر بىلەن قىزغىن سالاملاشتى، ئارقىدىنلا مالنى چۈشۈرۈپ، ساۋما قىلىپ، تاپشۇرۇۋالغۇچىلارغا قىسقا ئۇچۇر يوللىدى.

بۇلتۇر، قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭ بويىچە باشلامچىلىق بىلەن جىتۇ تېز يەتكۈزۈشنى كەنتكە كىرگۈزۈش ئەندىزىسىنى ئۆز ئالدىغا نۇقتىدا سىناق قىلدى. شۇ يىلى 6 - ئايدا، ئەكبەرنىڭ «بەييىباۋ ئۈچ يۈەنلىك تاللا بازىرى» كەنتتىكى تېز يوللانمىلارنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش نۇقتىسى قىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى تېخىمۇ قولاي تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى. بۇ يىل، كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلىمۇ مۇشۇ تۈپەيلى ئۆزگەردى.

مال سېتىۋېلىشقا كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇزاتقاندىن كېيىن، ئەكبەر يەرگە قويۇپ قويۇلغان تېز يوللانمىلارنى رەتلەپ مال جازىسىغا رەتلىك تىزدى.

«باھار بايرىمىدىكى بۇ بىرنەچچە كۈندە ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، 528 تېز يوللانمىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالدىم، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى كەنت ئاھالىلىرى توردىن سېتىۋالغان باھار بايرىمىلىق ماللار» دېدى ئەكبەر.

چۈشتە، چىرايلىق گىرىم قىلغان، مودا ياسانغان كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل مەمەت تاللا بازىرىغا تېز يوللانمىنى ئالغىلى كەلدى. «يان تېلېفوندا زاكاز قىلىپ سېتىۋالغان باھار بايرىمىلىق ماللار 5000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بېسىپ يىۋۇدىن كەنتكە يەتكۈزۈلدى، يەنە توشۇش ھەققى كۆتۈرۈۋېتىلدى، بەك قولايلىق بولدى!» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

تېز يوللانمىنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى توردىن مال سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. تۇزلۇققاش كەنتىدە، ئارزۇگۈلگە ئوخشاش توردىن مال سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كەنت ئاھالىلىرى ئاز ئەمەس. بۇ يىل، توردىن باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش ئۇلارنىڭ يېڭى مودىسىغا ئايلاندى. كەمپۈت، گۈل - گىياھ، يېڭى كىيىم - كېچەك، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى... تېز يوللانما پوسۇلكىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باھار بايرىمىغا بولغان تەلپۈنۈشى بىلەن تولغان.

«باھار بايرىمى مەزگىلىدە، تاللا بازىرى نورمال تىجارەت قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى يوللانمىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋالدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خۇشال بولدى.» ئەكبەر مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرى تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتتا، يېرىمىدىن كۆپرەكى تاللا بازىرىدىن تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالىدۇ، بىزنىڭ تاللا بازىرى كەنتتىكى خېرىدارلار ئېقىمى ئەڭ كۆپ تاللا بازىرى. تاللا بازىرىمىز تېز يوللانمىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش نۇقتىسىغا ئايلانغاندىن بۇيان، 15 مىڭدىن ئارتۇق تېز يوللانمىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالدىم، كىرىمىم 4000 يۈەندىن ئاشتى.

تېز يوللانمىلارنىڭ كەنتلەرگە كىرگۈزۈلۈشى كەنت ئاھالىلىرىگە قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە يېزا - كەنت ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

قەشقەر شەھىرى بەشكېرەم يېزىسى شىنخۇاسۈن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن ئۇرايىم تور دۇكىنى ئېچىپ، مەخسۇس شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى. «ئىلگىرى مەن پەقەت مالنى ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ تارقىتاتتىم، تەننەرخى يۇقىرى، كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزاق ئىدى. ھازىر تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسى كەنتتە، مال تارقىتىش قولايلىق، سوداممۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، باھار بايرىمىلىق زاكازنىمۇ قوبۇل قىلىپ ئۈلگۈرمىدىم» دېدى تۇرسۇن خۇشال ھالدا.

تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ مۇكەممەللىشىشى قەشقەر يېزا - كەنتلىرىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىمۇ تېخىمۇ كەڭ سېتىش يولىغا ئىگە قىلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 2023 - يىلىدىكىدىن %63.05 ئاشقان، پورتتىن چىقىرىلغان تېز يوللانما ئىچىدە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈش مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %74.41تىن ئاشقان.

تېز يوللانمىنىڭ كەنتلەرگە كىرگۈزۈلۈشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ شياۋخۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل يېزىلارنىڭ تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت تورىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، تېز يەتكۈزۈش بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىقتىساد، تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىمىز.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، قەشقەر شەھىرىنىڭ تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىسى تۇرغۇنجان يۇنۇس ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى، ئۇ ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100دىن ئارتۇق تېز يوللانمىنى بەشكېرەم يېزىسىنىڭ بەشتوغراق كەنتىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

«نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى ساقلاۋاتىدۇ، گەرچە مەن باھار بايرىمىدا دەم ئالمىغان بولساممۇ، لېكىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پوسۇلكىنى ئالغاندا چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، خىزمىتىمنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.» تۇرغۇنجان مۇنداق دېدى: بۇ تېز يوللانما پوسۇلكىلىرىنىڭ ئىچىگە قاچىلانغىنى باھار بايرىمىلىق مال بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.