تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەن - تېخنىكا بىلەن قوراللانغان بۇ بىر توپ «كۆكتاتچى دېھقان» كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، سۇڭ يۈ بىرنەچچە خىزمەتدىشى بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى شۇيشىگوۋ بازىرىغا كەلدى. ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندىن كېيىن، سۇڭ يۈ ئۇدۇل شىنجاڭ كۆكتات كەسىپ - تېخنىكا سىستېمىسى شوخلىنى قىشتىن ئۆتكۈزۈش تەجرىبە پارنىكىغا كىرىپ، يوپۇق يىغىش ئۈسكۈنىسى بىلەن يوپۇقنى ئېچىپ، كۈن نۇرىنى بىۋاسىتە چۈشۈرۈپ، «قاتتىق ئۇيقا»دىكى شوخلىلارنى ئويغاتتى.

سۇڭ يۈ شىنجاڭ كۆكتات كەسىپ - تېخنىكا سىستېمىسىدىكى كاندىدات باش مۇتەخەسسىس بولۇپ، پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشنى پىششىق بىلىدۇ. لېكىن يېقىندا ئۇ ئازراق ئەنسىز بولۇپ قالدى، قىشتىن ئۆتكۈزۈلىدىغان شوخلىلار پات ئارىدا تۇنجى قېتىملىق مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالىدۇ، ئۇ تەجرىبە پارنىكىدا يېتىپ - قوپۇپ، ھەر ۋاقىت بۇ گۆھەرلىرىگە تىكىلىپ تۇرغۇسى كېلەتتى.

تەجرىبە پارنىكىدا داڭلىق پىروۋېنس شوخلىسى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئاز بىر قىسمى پىشقانىدى، بۇ شوخلىلار چۈچۈمەل، يېيىشلىك، پوستى نېپىز، شىرنىلىك ئىدى.

«ئالدىنقى يىلى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىپ ئۆستۈرگەندە، شوخلىغا كېسەل تەگكەچكە، ھوسۇلى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانىدى.» سۇڭ يۈ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئۆستۈرۈشتىن بۇرۇن، سىستېمىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تېخنىكا لايىھەسىنى ئەلالاشتۇردى، نۆۋەتتە شوخلىنىڭ قىشتىن ئۆتۈشى ئوڭۇشلۇق بولماقتا، مۆلچەرلىنىشىچە، مو بېشى ھوسۇلى ئون توننىغا يېتىدۇ.

ھوسۇل ئېلىشقا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، شۇنچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. سۇڭ يۈ تەجرىبە پارنىكىغا بارغاندىن كېيىن شوخلىنى بىرمۇبىر تەكشۈردى. ئويلىمىغان يەردىن، بىر تۈپ شوخلا ساپىقىدىكى كۆزگە چېلىقمايدىغان كۈل رەڭ «تىۋىت» ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«بۇ كۈل رەڭ پاختىلىشىش كېسىلى بولۇپ، تەجرىبە پارنىكىنىڭ كېچىلىك تېمپېراتۇرىسى سەل تۆۋەن بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.» ناھايىتى تېزلا، سۇڭ يۈ دىياگنوز قويدى، ئاندىن بىر سولياۋ خالتىنى ئېلىپ كېسەل شاخقا كىيدۈرۈپ، ئۇنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن خالتا ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ، كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ تارقىلىپ، ساغلام شوخلىغا يۇقىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

بۇ چاغدا، سۇڭ يۈنىڭ كەسىپدىشى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى زوۋ پىڭ ھاۋا تەڭشەش سىستېمىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى تەڭشىدى. «بۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ بولغاچقا پارنىكنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلغىلى، يەنە تېخى ئېنېرگىيە تېجىگىلى بولىدۇ» دېدى زوۋ پىڭ.

تەسىراتىمىزدا، قىش پەسلىدە پارنىكتا ئاساسلىقى «يېپىش»قا تايىناتتۇق، قېلىن پاختىلىق يوتقاننى پارنىك يوپۇقىنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويسا، پارنىك ئىچى دىمىق ھەم نەم بولۇپ، دائىم تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى ياكى بەك نەملىشىپ كېتەتتى. لېكىن، بۇ تەجرىبە پارنىكىنىڭ ھاۋاسى ساپ، تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇپ، ئەگەر چاپان كىيمىسىڭىز ئازراق سوغۇق ھېس قىلىسىز.

«ئەنسىرىمەڭ، شوخلا ئۈششۈپ قالمايدۇ». زوۋ پىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تەجرىبە پارنىكىغا ئورنىتىلغان ھاۋا تەڭشەش سىستېمىسى كۈندۈزى ھاۋادىكى ئىسسىقلىقنى ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يەر ئاستى تۇرۇبا يولىدا ساقلاپ، كەچتە قويۇپ بېرىپ ئىسسىقلىق ساقلاشقا ئىشلىتىدۇ. يىغىندى تېمپېراتۇرا شارائىتى تېخىمۇ ياخشى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدا قىش پەسلىدە شوخلا تېرىغاندا، بۇ بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىنى ئىشلەتسە ئارتۇقچە ئىسسىتىش ھاجەتسىز بولۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ئادەتتىكى شوخلىنى پارنىكتا قىشتىن ئۆتكۈزۈشتە مۇھىت تېمپېراتۇرىسى 12 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ، لېكىن بۇ تەجرىبە پارنىكىدا سەككىز سېلسىيە گىرادۇس بولسىلا بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەسلىدە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ھەربىر تۈپ شوخلا تولۇبامۇغا ئۇلانغان. تولۇبامۇ بىر خىل ياۋا چەيزە تۈرىدىكى ئۇلاق تۈۋى بولۇپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك يىلتىز سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، شوخلا تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا يېتەرلىك سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ، سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، قىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەيدۇ.

«ئېنېرگىيە تېجەپ، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىپ، ئېڭىزغا شوخلا تېرىپ 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلالايدىغان بولدۇق، بەك ياخشى بولدى!» بىر چەتتە ئۆگىنىۋاتقان كەنت ئاھالىسى خاۋ باۋجيەن باش بارمىقىنى چىقاردى.

□ مۇخبىرنىڭ تەسىراتى

پەن - تېخنىكا بىلەن قوراللانغان «كۆكتاتچى دېھقان» قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى

پەن تەتقىقات خادىملىرى سالاھىيىتى بىلەن ھېسابلاشماي، پەن - تېخنىكا بىلەن قوراللىنىدىغان «كۆكتاتچى دېھقان» بولۇشقا رازى بولۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

ھازىر، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كەسىپ سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تاماملاندى، كۆپ پەن ماسلىشىپ ئىلگىرى سۈرىدىغان پەن تەتقىقات ئەۋزەللىكى نامايان بولدى، كەلگۈسىدە يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ھەتتا يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ساھەلەردىكى تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىس تەتقىقات كوللېكتىپىغا قوشۇلىدۇ.

پەن تەتقىقات خادىملىرى ياراتقان «ئەقلى يەتمەيدىغان» نەتىجىلەرگە ئاپىرىن ئېيتقاندىن سىرت، تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇپ كېڭەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ «يەرلىك مۇتەخەسسىس» ۋە «دېھقان تېخنىكلار»نى يېتىشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. تەجرىبىخانىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يېزا ئىگىلىكىدىكى ھەقىقىي ھوسۇلغا ئايلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىگىلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «كۆكتات سېۋىتى»نى تېخىمۇ مول، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.