تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھار ھىدى تىيانشاننى قاپلىدى، مول مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن خۇشال - خۇرام بەھرىلەندى

1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، كىچىك دوستلار قورغاس شەھەرلىك كۇتۇپخانىدا قەغەز قىيىش سەنئىتىنى ئۆگەنمەكتە. □بو لى فوتوسى

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. □سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى

مول مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش يېڭى يىلدىكى ئۆرپ - ئادەتكە ئايلاندى. يىسى يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى كۈتۈۋالغان ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى باھار بايرىمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئىجادىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت تەمىناتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، كىشىلەر مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئېلىش داۋامىدا قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرى مەۋقەنى مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كۆپ تەرەپتىكى بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، مول، رەڭدار بىر يۈرۈش باھار بايرىمىلىق پائالىيەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرى باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى داكا قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى باھار بايرىمىنىڭ 3 - كۈنى، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى دوكلات بېرىش زالىدا كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، بىر مەيدان ئۆزگىچە «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى بىلەن باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش . كىشىلىك ھاياتقا كۈلۈپ بېقىش» تېمىسىدىكى مەخسۇس مەيدان شياڭشېڭ بۇ يەردە قالتىس ئورۇنلىنىۋاتاتتى. سەھنىدە، قىزىل يۇلتۇز شياڭشېڭ ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار ئەنئەنىۋى تون كىيىپ، «لىڭلۇڭ مۇنارى» ناملىق كۇەيبەن، «چۇنليەن پۈتۈش» «پانۇس تېپىشمىقى ئېيتىش» ناملىق شياڭشېڭ، سىچۇەن تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلىدى، ئۇلار يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق تىل ۋە كامالەتكە يەتكەن ئورۇنلاش ماھارىتى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان شاد - خۇراملىققا تولغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كۆرۈش - ئاڭلاش كاتتا زىياپىتىنى تەقدىم قىلدى.

«شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى ئاممىۋى سۇپىسىدا شياڭشېڭ ئويۇنى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، ئالايىتەن ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ مەيدان مەدەنىيەت زىياپىتىدىن بىرلىكتە بەھرىلەندۇق. نومۇرلار بەك قالتىس ئىكەن، بىزگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقى ۋە شياڭشېڭ سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە جەزبىدارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.» ئويۇن ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى، لېكىن تاماشىبىن جەي شياۋلىڭ يەنىلا پۇخادىن چىقمىدى.

«مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش» يۈرۈشلۈك تەتقىقات - ئۆگىنىش پائالىيىتى، «ئالتۇن رەڭلىك يىلاننىڭ بەخت بېغىشلىشى» باھار بايرىمىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم خەلق ئۆرپ - ئادەت فوتو سۈرەت بىرلەشمە كۆرگەزمىسى... باھار بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى تور ۋە تور سىرتىدا بىر يۈرۈش مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، ئوقۇرمەنلەرنى كىتابنى ھەمراھ قىلىپ، كىتاب ھىدىغا تولغان كاتتا باھار بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى باھار بايرىمىنىڭ 6 - كۈنى. گەرچە سىرتتا قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ مۇزېيىدا ئادەم كۆپ ئىدى، كىشىلەر بۇ يەردە زامان - ماكاندىن ھالقىغان يىپەك يولى ئاجايىپ ساياھىتىنى باشلىدى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ئەلقەم مەردان ۋە ئالتە ياشلىق ئوغلى نەزران ئەلقەممۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

«مۇزېيدا كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ناھايىتى مول ئىكەن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تارتىپ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتلىرىگىچە شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە كۆپ خىل مەدەنىيىتى نامايان قىلىنىپتۇ. مۇزېيدا يەنە نۇرغۇن بىلىم ئېلىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن ھەمتۈرتكىلىك قۇرۇلمىلار بار ئىكەن، بالىلارنىڭ كېتىشكە كۆزى قىيماي قالدى» دېدى ئەلقەم.

شىنجاڭ مۇزېيى جەمئىيەت تەربىيەسى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ مۇزېيى ھەر كۈنى قەرەللىك ھالدا ئون مەيدان ھەقسىز چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر كۈنى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تاماشىبىننى كۈتۈۋالدى، مۇزېي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك كۆرگەزمىلەرگە ماسلاشتۇرۇپ، يەنە مۇزېيدىكى «ھارپا كېچىسى تامىقى» ئىستېرېئولۇق كىتاب ياساش، «دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت - سەنئىتى گۈللىنىپ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، فارفۇر بۇيۇملارغا كۆك رەڭدە گۈل سىزىش»نى ئىپادىلەش قاتارلىق جەمئىيەت تەربىيەسى پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، تاماشىبىنلارنى مۇزېي ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان باھار بايرىمىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مۈچەل مەدەنىيىتى باھار بايرىمى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئامىلى. بۇ يىل باھار بايرىمىدا، خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان يىلانغا ئالاقىدار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى تولۇق قېزىپ چىقىپ، چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ئىنچىكە، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن باھار بايرىمى كەيپىياتى ئىزدەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«مۇزېيدا ئون ئىككى مۈچەل مىس ئەينىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى يېڭىلىق ھېس قىلدىم، يەنە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلىدىم، مۇزېيدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەن» دېدى خوتەن شەھىرى ئاھالىسى رابىيە ئەخمەت.

«كۆپچىلىكنىڭ يىلان ئامىلىغا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق يىلاننىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى ئوبرازى ۋە مەنىسىنى چۈشىنىشى، مۇزېيدا باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ئالىيە مۇختەر.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيدا ئوخشاشلا باھار بايرىمى كەيپىياتى قويۇق ئىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي (شەھەرلىك ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە جايلارنى باشقۇرۇش مەركىزى)نىڭ مۇئاۋىن مۇزېي باشلىقى لى لى مۇنداق تونۇشتۇردى: باھار بايرىمىنىڭ 2 - كۈنىدىن باھار بايرىمىنىڭ 6 - كۈنىگىچە مۇزېيىمىز «دۆلەت مەدەنىيەت تۈسى − چاڭئەن شىئېر شىچېن» قاتارلىق ئەنئەنىۋى ناخشا - ئۇسسۇل كۆرىكىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت ئۇسلۇبىدىكى بازار ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى ئۆتكۈزگەن «خەنزۇچە خەت ئىچىدىكى باھار بايرىمىلىق ئۆرپ - ئادەت − 12 - نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باھار بايرىمىلىق ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى» «بەخت - سائادەت يىلى − يىلان يىلى مۈچىلى كىچىك ئويما رەسىم كۆرگەزمىسى» «باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش . يۇرت مۇھەببىتى كۆرگەزمىسى − 2025 - يىللىق رەسىم، دېھقانلار رەسىمى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» قاتارلىق بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش يۈرۈشلۈك گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىلىرى نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلدى. تامچە يېلىملىق ئاچقۇچ تۈگمىسى، سۇ بوياق رەسىم، قەغەز قىيما، بامبۇكتىن توقۇلغان خەتكۈچ، كەشتىچىلىك قاتارلىق ئىجادىيلىققا باي ئاممىۋى تەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ نۇرغۇن قاتناشقۇچىنى جەلپ قىلدى، كىشىلەر ئىجادىيەت جەريانىدا قانغۇچە شادلىققا چۆمۈپ، قىزىقارلىق ھەم مەدەنىيەت پۇرىقىغا تولغان دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزدى.

«بىر بالا ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاددىي بامبۇكتىن توقۇلغان نەقىشنى تونۇشتىن باشلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى بىر خەتكۈچ توقۇدى. ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىككە مەدەنىيەتنىڭ يىلتىزى يوشۇرۇنغان، بۇنداق باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيىتى بار.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاۋ رۇي مۇنداق دېدى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە، گۈزەل سەنئەت سارىيىدىكى مول سەنئەت كۆرگەزمىسى ۋە ئاممىۋى تەربىيە پائالىيەتلىرى، ئاممىنى سەنئەت بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، قومۇل شەھەرلىك مۇزېي غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قەغەز قىيما كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتلىرى ۋە باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش دۆلەت مودا ئېقىمى T سەھنە ئويۇنى بويىچە جەمئىيەت تەربىيەسى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، پائالىيەت جەريانىدا، ئاتا - ئانىلار بىلەن بالىلار بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆزگىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قەغەز قىيما كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتلىرىنى قىيىپ چىقتى، ئەنئەنىۋى قەغەز قىيىش سەنئىتى بىلەن زامانىۋى مودا ئامىللىرى ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈردى؛ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت مەركىزىدە، «تۆت پەسىلدە ناخشا ئېيتىپ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش، خۇشال - خۇرام ھالدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» باش تېما قىلىنغان بىر مەيدان ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى ۋە يىللىق رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى، ھەر مىللەت ئاممىغا بىر مەيدان كۆرۈش - ئاڭلاش يۇغۇرۇلغان ۋە مەدەنىيەت - سەنئەت كاتتا مەرىكىسى ئېلىپ كەلدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ «بەخت - سائادەت يىلىدا گۈزەل تىلەك تىلەش . غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدىكى قۇتلۇق مەدەنىيەت» ياغاچ ئويما رەسىملىرىنى ھېس قىلىش پائالىيىتى تاماشىبىنلارغا ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ دەۋر تومۇرىنى ھېس قىلدۇردى... كاتتا بولغان باھار بايرىمىدا، مەدەنىيەت سارايلىرى بىلەن ئاممىنىڭ «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»ى ئادەتتىن تاشقىرى قالتىس بولدى، مول ئىجادىيلىققا ۋە خاسلىققا ئىگە كۆرگەزمە ۋە پائالىيەتلەر كىشىلەرنى مەدەنىيەت بوشلۇقىدا مول، قىممەتلىك تارىخقا نەزەر سېلىپ، باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشتىكى يېپيېڭى مۇراسىم تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

(مۇخبىر جيا چۇنشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئابابەكرى، خۇي فېڭلېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.